مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 23-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە ئۇسلۇب، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە ئارخېئولوگىيە بەرپا قىلىپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مول مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش لازىم

2020.09.30 17:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك ئەڭ يېڭى بايقىشى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا 23-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى جۇڭگو كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىلىق ياراتماقتا. بىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئاساسىدا ئورنىتىشىمىز، تارىخنىڭ توغرا يۆنىلىشى ئاساسىدا ئىلگىرىلىشىمىز شەرت. ئارخېئولوگىيە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە ئۇسلۇب، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە ئارخېئولوگىيە بەرپا قىلىپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مول مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە «جۇڭگو ئارخېئولوگىيەسى» چوڭ تۈرىنىڭ مۇتەخەسسىسى چېن شىڭسەن بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ، پىكىر تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئارخېئولوگىيە خىزمىتى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەدەنىيەت ئىشلىرى خىزمىتى، شۇنداقلا مۇھىم ئىجتىمائىي، سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە خىزمەت. ئارخېئولوگىيە خىزمىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۆھەرلىرىنى نامايان قىلىدىغان ۋە بەرپا قىلىدىغان مۇھىم خىزمەت. تارىخنى بىلىش ئارخېئولوگىيەدىن ئايرىلالمايدۇ. تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆتمۈشنى جانلىق بايان قىلىپلا قالماي، ھازىرغا ۋە كەلگۈسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ بىزگىلا مەنسۇپ بولۇپ قالماي، ئەۋلادلارغىمۇ مەنسۇپ. تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش تارىخقا، خەلققە مەسئۇل بولغانلىق. بىز ئارخېئولوگىيە خىزمىتى ۋە تارىخ تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، مۇزېيدا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كەڭ زېمىندىكى مىراسلار، قەدىمكى ئەسەرلەردە يېزىلغان يېزىقلارنى تەتقىق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى بېيىتىشىمىز لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نەچچە ئەۋلاد ئارخېئولوگلارنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخنىڭ ئوق سىزىقى ئۇزارتىلدى، تارىخىي ئىشەنچ كۈچەيتىلدى، تارىخىي مەزمۇن بېيىتىلدى، تارىخىي كۆرۈنۈش جانلاندۇرۇلدى. ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى ۋە تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي تومۇرى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان زور تۆھپىسىنى نامايان قىلدى. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، دۇنياغا چوڭقۇر ئىدىيە سىستېمىسى، مول پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت-سەنئەت نەتىجىلىرى، ئۆزگىچە تۈزۈم ئىجادىيىتىنى تەقدىم قىلىپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

  شى جىنپىڭ ئارخېئولوگىيە ۋە تارىخ تەتقىقاتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، تىلسىملار ۋە ئۇنىڭ مەنبەسىنى ئېچىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا يەنە نۇرغۇن نامەلۇم ساھەلەر بار، ئارخېئولوگىيە خىزمىتىدە ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق. «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى ۋە دەسلەپكى تەرەققىيات ئۇنىۋېرسال تەتقىقاتى»، «جۇڭگو ئارخېئولوگىيەسى» قاتارلىق چوڭ تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئارخېئولوگىيە بايلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە سىياسەت ئېھتىياجىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنى پىلانلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بەزى زور تارىخىي مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرىنى قېزىش، رەتلەش، شەرھلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم. ئارخېئولوگىيە ئىلمى ساھەسىدىكىلەر ئىقتىساد، قانۇن، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە، پەن-تېخنىكا، مېدىتسىنا قاتارلىق ساھەلەردىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىكتە قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە خارابىلىكلەرنى تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېلىمىز مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى ۋە تەرەققىياتى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قوشقان زور تۆھپىسىنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، تارىخ ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئارخېئولوگىيە يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى، ئۇنى چوقۇم ياخشى قوغداش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى، مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. تۆتىنچى، ئارخېئولوگىيە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، جۇڭگو ئارخېئولوگىيەسىنىڭ خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى، سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئارخېئولوگىيە قوشۇنىنى پائال يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيۈش ۋە ئۇنىڭغا ئاتلىنىش، ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى بولۇش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ئارقا-ئارقىدىن يېتىشىپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ