مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ − بىر ئۆمۈرلۈك ئىشتۇر

2020.09.28 17:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش› باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) دىن سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىغا بىرلەشتۈرۈپ تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئالدى بىلەن غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن پارتىيەنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىز يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئېنىقلاپ، ئاياغ ئاستىدىكى يولنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى توغرا تونۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىمىزنى ھەقىقىي قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. نەزەرىيە جەھەتتە پىشىپ يېتىلىش − سىياسىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلىشنىڭ ئاساسى، سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىك − نەزەرىيە جەھەتتىكى سەگەكلىكتىن كېلىدۇ، ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتقاندىلا، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى چىڭ تۇتقىلى، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»تەك ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

  ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ ئابستراكت ئەمەس، ئۇ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ كىچىك ئىشلاردىكى ئىستىلىدا، ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، كۆرگىلى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك. ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش − ھەر بىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچىنى ئادا قىلىشتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئۇسۇلدۇر. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى خىزمەتنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، رەھبەرنى رازى بولىدۇ، دەپ ئاممىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئەخمىقانە ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىق كېرەك. ئاممىنى ئىش بېجىرىشتە بىر تارماققا ئاز قاتراش، بىر كۆزنەكتە ئاز ئۆچرەت تۇرۇش، بىر كۈن ئاز ساقلاش ئىمكانىيىتىگە تىرىشىپ ئىگە قىلغاندىلا، ئاندىن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ جاپا-مۇشەققەت كۆرسەتكۈچىنى خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىگە ئالماشتۇرغىلى، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئاممىنى يېتەكلەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ