مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋەكىللىرى شياڭگاڭ، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىمىز، دېدى

2020.09.27 17:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 45- قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئالاقىدار قارالمىلار بويىچە ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە، نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى شياڭگاڭ، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە سۆز قىلىپ جۇڭگونى قوللىدى.

  ۋېنېسۇئېلا ۋەكىلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونى قىلچە ئاساسسىز ئەيىبلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلگىرى ئېغىر تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان. جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا پائال زەربە بېرىپ، شىنجاڭ خەلقىنى كۈچلۈك قوغدىدى، بۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى زوراۋانلىق، نامايىشقا تاقابىل تۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر قانۇنغا رىئايە قىلدى. شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى قانۇن ئىدارە قىلىش روھىغا ئۇيغۇن بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» نىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.

  كامبودژانىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مۇنداق دېدى: تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك − ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە ئىنسانىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى. تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. كامبودژا ئالاقىدار دۆلەتلەرنى شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىللەردە ئاساسىي پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  لائوس ۋەكىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق رايونلاردا ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغدىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى. لائوس ۋەكىلى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىللەر جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، لائوس بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نى قەتئىي قوللايدۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە رايونى جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.

  بېرما ۋەكىلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قوش ئۆلچەم ۋە سىياسىيلاشتۇرۇش − تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىغا، جۈملىدىن جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىككە تاقابىل تۇرۇشىغا ھەمدە شياڭگاڭ ئالاھىدە رايونىدا مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە زىيان يەتكۈزدى. بىرما بارلىق دۆلەتلەرنى سىياسىي مەقسەت بىلەن ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىككە دەۋەت قىلىدۇ.

  چاۋشيەن ۋەكىللىرى سۆزىدە ئالاقىدار دۆلەتلەرنى شياڭگاڭ، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىللەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ