شى جىنپىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش لازىم

ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2020.09.23 17:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 22-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ، «14-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ ھەقتە بىر يۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، سەھىيە، ساغلاملىق ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ)

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپچىلىك ناھايىتى ياخشى سۆز قىلدى، ناھايىتى قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى، يىغىنغا قاتناشقان باشقا مۇتەخەسسىسلەر ۋە ۋەكىللەر يازما پىكىر بايان قىلدى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مائارىپ دۆلەتنىڭ زور پىلانى، پارتىيەنىڭ زور پىلانى. «14-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدە، بىز پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدى بىلەن راۋاجلاندۇرۇشتا پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز؛ سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىپ، مائارىپنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپ ئىدىيەۋى سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ تەنتەربىيە، ئېستېتىكا تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى كەڭ تۈردە قانات يايدۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشىمىز؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئۇيغۇن مائارىپ قۇرۇلمىسى، پەن كەسپىي قۇرۇلمىسى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئومۇم خەلقنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىشىمىز كېرەك.

  ئېلىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئېغىر مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە ئېھتىياجىغا قارىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى نىشانلاپ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك. مەۋقەنى دۆلەتنىڭ رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشقا قارىتىپ، رايون مائارىپ بايلىقىنى ياخشى سەپلەپ، نۇقتا، لىنىيە، دائىرە بىرلەشكەن، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ماسلاشقان مائارىپ تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، مائارىپنىڭ رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ