مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

12-نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرى شيامېندا ئۆتكۈزۈلدى

ۋاڭ ياڭ سىنلىق سۆز قىلدى

2020.09.21 18:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرى 20-سېنتەبىر شيامېندا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىندا سىنلىق سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ ئالدى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلاردىن، بولۇپمۇ تەيۋەنلىك قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ئەل ئارىسىدا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ خەلقتە. دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرى 2009-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان باشتىن-ئاخىر بوران-چاپقۇنغا قارىماي، ھەريىلى داۋاملىشىپ كەلدى. بۇ يىل گەرچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئارالدىكى سۈنئىي توسالغۇنىڭ پايدىسىز تەسىرى بولسىمۇ، ئەمما مۇنبەر يىغىنى يەنىلا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، زور تۈركۈمدىكى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، ئىككى قىرغاقتىكى ئاممىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارزۇسىنىڭ سەمىمىي، كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق كۈچنىڭ توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېچىۋېتىش ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ، بېكىنمىچىلىك قىلغانلار مۇقەررەر ئارقىدا قالىدۇ. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ نەچچە ئون يىللىق تەرەققىياتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئالماشتۇرۇش ئىككى تەرەپكە پايدىلىق، توسالغۇ بولسا ئىككى تەرەپكە زىيانلىق. دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن، ئىككى قىرغاقنىڭ سودا سوممىسى يەنىلا ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئاشتى، بۇ، ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ باشتىن-ئاخىر تەيۋەننىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى، ئەڭ مۇستەھكەم يۆلەنچۈكى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئارالدا بەزىلەر ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقە ھەمكارلىقىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقتىسادىدىن «ئايرىلىش»، مەدەنىيەت «زەنجىرىنى ئۈزۈش»كە ئۇرۇنماقتا، بۇنىڭ تەيۋەنگە زور زىيىنى باركى، قىلچىلىك پايدىسى يوق. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تۇيۇق يول، چەت ئەلگە تايىنىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش تەيۋەنگە بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدىغان خەۋپ-خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. بىز دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنىڭ ھەرقانداق زىيانغا ئۇچرىشىغا يول قويمايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ