لى كېچياڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

2020.09.23 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى چياڭ ۋە شەھەر باشلىقى گوڭ جېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولدى.

  ھىمالايا شىركىتىدە، كارخانا مەسئۇلى ئالاقە تورىغا تايىنىپ تۈمەنلىگەن ئىجادكارنى توردا ئاۋام ئىگىلىك تىكلەشنى قانات يايدۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ ياراتقان ئۈن-سىن مەزمۇنىنىڭ 600 مىليوندىن ئارتۇق ئىشلەتكۈچىگە مۇلازىمەت قىلغانلىقىنى تونۇشتۇردى. لى كېچياڭ ئۈن-سىن ئىجادكارلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: زامانىۋى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ كۆپ خىللاشقان ئۈن-سىن مەھسۇلاتى يارىتىپ، غايەت زور ئىستېمال بازىرى بەرپا قىلغاندا، نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتقىلى بولىدۇ. سىلەرنىڭ سۇپىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجادكار ۋە ئاڭلىغۇچىنىڭ رەڭدار تۇرمۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىغا كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىغا كېلىپ، پۇدۇڭنىڭ ئېچىش، ئېچىۋېتىش نەتىجىسى، ئەركىن سودا رايونىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى يېڭى بۆسۈشى ۋە شاڭخەينىڭ قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ شاڭخەينىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەھەتتە داۋاملىق ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆلچەم بايرىقى تىكلىشىنى ئۈمىد قىلدى. لى كېچياڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىچىدىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىسى سىئەيپۇ جۇڭگو تەتقىقات يۇرتىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئىنژېنېرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سانائەت ئالاقە تورىغا تايىنىپ ياسىمىچىلىققا يۈزلەنگەن مۇلازىمەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ