مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن 10-تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى

2020.09.23 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن 10- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار 21- سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، مۇددىتى ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 10-تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار 110 نەچچە ئورۇندىن كەلگەن بولۇپ، جەمئىي 579 ئادەم بار ئىكەن، ئوتتۇرىچە يېشى 43 ياش بولۇپ، ئالىي مەكتەپتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار %99.5 نى ئىگىلەيدىكەن، دوكتور ئاسپىرانتلار %39 نى، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە كارخانا ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى %53.7 نى ئىگىلەيدىكەن، ئومۇمىي جەھەتتىن ئوقۇش تارىخى قاتلىمى بىر قەدەر يۇقىرى، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنىڭ ماسلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر ياخشى، كەسپىي ساپاسى بىر قەدەر كۈچلۈك، قۇرۇلمىسى بىر قەدەر مۇۋاپىق ئىكەن. تاللاپ ئەۋەتىش خىزمىتىدە دەرىجە بويىچە ياخشىلىرىنى تاللاش، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ، پۇل مۇئامىلە، ساياھەت، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە ياكى جىددىي ئېھتىياجلىق ئاچقۇچلۇق ئورۇنلارغا دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ «كىچىك گۇرۇپپا» ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، 10 مائارىپ «كىچىك گۇرۇپپىسى» ۋە تۆت داۋالاش «كچىك گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى 10 ئالىي مەكتەپ ۋە تۆت دوختۇرخانىغا ياردەم بېرىلىپ، ياردەم بېرىشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى كۈچەپ ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  22-سېنتەبىردىن 26-سېنتەبىرگىچە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەھۋالنى تېزدىن ئىگىلەپ، ۋاقتىدا خىزمەت ھالىتىگە كىرىشىگە ياردەم بېرىدىكەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 10-تۈركۈمدە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ئەۋەتكەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 4066 كادىر، ئىختىساسلىقلار 2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۇنجى قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 85 يېزا-بازار ۋە 12 تۈەن- مەيدانغا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 186 نەپەر كادىر تاللاپ ئەۋەتىلگەن.

  شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى. 1997-يىلىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 10 تۈركۈمدە جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىشكە تەشكىللىدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چۆرىدەپ شىنجاڭنى يۇرتۇم دەپ بىلىپ، ئاممىنى ئۆز قېرىندىشى دەپ بىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، كۈچلۈك بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش ۋە تۆھپە قوشۇش روھىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ