خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، مەكتەپلەرگە بولغان «باشقۇرۇش زىيادە كۆپ بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىكتە ھۆججەت چىقىرىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش، كادىرلار ۋە خىراجەتنى ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى.
مائارىپ مىنىستىرلىقى 24-سېنتەبىر ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ يۈگاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سەككىز تارماق بىرلىشىپ تارقاتقان «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ قوزغاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»دە مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئوقۇش-ئوقۇتۇش جەھەتتە، مەكتەپلەرنىڭ ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە سەۋىيە يارىتىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدىكەن. مەكتەپلەر پەن ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسىي تەلىپىگە ئەمەل قىلىش ئاساسىدا، ئوقۇتۇش پىلانىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرسا، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا قوللانسا، تەتقىقات-مەشىق پائالىيىتىنى ئۆز ئالدىغا تەشكىللىسە، ئوقۇتۇش-باھالاشنى ئۆز ئالدىغا يولغا قويسا بولىدىكەن؛ پەنلەر ئارا باغلىنىشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئۆگىنىش مەزمۇنىغا قارىتا، پەنلەر ھالقىغان ئۇنىۋېرسال باش تېمىلىق ئوقۇتۇشنى ئۆز ئالدىغا بىر تۇتاش پىلانلاپ يولغا قويسا بولىدىكەن.
لۈ يۈگاڭ مۇنداق دېدى: كادىرلار خىزمىتىدىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىشتىكى قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش، ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلارنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىشتىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشقا قاتنىشىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش، ئۇنۋان باھالاش، تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش، ئۈنۈم مائاشنى تەقسىم قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.
پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىدىكى مۇھىم رولىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش لازىم، مەكتەپلەر تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئىشتات، ئىش ئورنى سانى ۋە ئىش ئورنى قۇرۇلمىسىنىڭ نىسبىتى ۋە مائارىپ، ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجى ۋە ئىش ئورنى شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەمدە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا، تەكشۈرۈشكە ۋە تەكلىپ قىلىدىغان خادىملارنى بېكىتىشكە قاتنىشىدۇ. تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئىش ئورنى تەسىس قىلىش لايىھەسى بويىچە ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋان ۋە ئىش ئورنىنى شارائىتى بار مەكتەپلەر ئۆلچەم بويىچە ئۆز ئالدىغا باھالاپ تەكلىپ قىلىدۇ، ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋان ۋە ئىش ئورنىغا قارىتا، باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە مەكتەپ تەۋسىيە قىلىدۇ ياكى تەكلىپ قىلىدۇ. مۇكاپات خاراكتېرلىك ئىش ھەققىنى مەكتەپلەر باھالاش ئاساسىدا ئۆز ئالدىغا تەقسىم قىلىپ، ئىش ھەققىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.
پىكىردە يەنە خىراجەتنى ئىشلىتىشتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. لۈ يۈگاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: مەكتەپلەر خامچوت باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ۋە مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يىللىق خامچوت تەكلىپىنى ئۆز ئالدىغا ئوتتۇرىغا قويىدۇ، تەستىقلانغان خام چوت تۈرلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىجرا قىلىپ، خام چوت مەبلىغىگە قارىتا پۈتكۈل جەريانلىق ئۈنۈم باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ. مەكتەپلەر قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە جەمئىيەت ئىئانە قىلغان ئوقۇشقا ياردەم بېرىش خىراجىتىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى