مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەيىنلەش-قالدۇرۇش ئىسىملىكى

(2020-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2020.09.22 18:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  (بىرىنچى)

  سۈن خۇڭمېي (ئايال)نى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەش قارار قىلىندى.

  سۈن خۇڭمېينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  سۈن خۇڭمېي، ئايال، مانجۇ، 1970-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ بېيپياۋدىن، 1991-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1990-يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئىچكى موڭغۇل داشۆسى ئېلېكتىرون ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ ئېلېكتىرون ئىلمى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  2011-يىلى 8-ئايدىن 2016-يىلى 10-ئايغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتوۋ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان؛ 2016-يىلى 10- ئايدىن 2017-يىلى 5-ئايغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2017-يىلى 5-ئايدىن 2018-يىلى 9- ئايغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھۆكۈمەت باھالاش ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى (نازىر دەرىجىلىك) بولغان؛ 2018-يىلى 9-ئايدىن 2020-يىلى 8-ئايغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  (ئىككىنچى)

  ليۇ سۇشېنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەش قارار قىلىندى.

  ليۇ سۇشېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ليۇ سۇشې، ئەر، خەنزۇ، 1967-يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، شەنشى ياڭلىڭدىن، 1989-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار مەكتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، باشقۇرۇش ئىلمى دوكتورى.

  2014-يىلى 4-ئايدىن 2017-يىلى 5-ئايغىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رايون ئىقتىسادى مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى بولغان؛ 2017-يىلى 5-ئايدىن 2017-يىلى 6- ئايغىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2017- يىلى 6-ئايدىن 2020-يىلى 9-ئايغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2- ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2019-يىلى 3-ئايدىن 2019- يىلى 7-ئايغىچە، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش 1-كۇرسىدا ئوقۇغان).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ