شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى 3-قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا مۇقىملاشتۇرۇش، مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ۋە ئۇزۇن مۇددەتكىچە يۈكسەلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىش كېرەك

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى، ۋاڭ ياڭ سۆز قىلدى

2020.09.27 17:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى 3-قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى 9-ئاينىڭ 25-، 26-كۈنلىرى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى دەۋردىكى تەدبىرىنى تولۇق ۋە توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى پۇختا ۋە چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا مۇقىملاشتۇرۇش، مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ۋە ئۇزۇن مۇددەتكىچە يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىرلەرنى كۆپرەك پىلانلاپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، ئىتتىپاق-ئىناق، گۈللەنگەن، باي-باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىش كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. ۋاڭ ياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى 2-قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق، شىنجاڭ خىزمىتىدە زور ئۈنۈملەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ھەمدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. بۇنىڭدا، بىرىنچىسى، ئىقتىساد داۋاملىق ياخشى تەرەققىي قىلدى. 2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 919 مىليارد 590 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 1 تىرىليون 359 مىليارد 710 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %7.2 ئاشتى. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 128 مىليارد 230 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 157 مىليارد 760 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %5.7 ئاشتى. ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئىككىنچىسى، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. 2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9.1 ئاشتى. يېزا ئەمىن ئۆيلىرىدىن 1 مىليون 690 مىڭ يۈرۈش، شەھەر-بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆيلىرىدىن 1 مىليون 560 مىڭ يۈرۈش سېلىندى، ئون مىليوندىن ئارتۇق ئامما خۇشاللىق بىلەن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. شەھەر-يېزا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى كۈنسايىن مۇكەممەللەشتى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك جەھەتتىن ھەقسىز بەدەن تەكشۈرتۈشى يولغا قويۇلدى؛ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ داۋالىنىش ئەسلىھەلىرى شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، يېزا-بازار شىپاخانىلىرى ۋە كەنت سەھىيە ئۆيلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.7كە يەتتى. ئۈچىنچىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2014-يىلى، شىنجاڭدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس جەمئىي 779 مىڭ ئائىلىلىك 3 مىليون 89 مىڭ ئادەم ئىدى، 3666 نامرات كەنت ۋە 32 نامرات ناھىيە بار ئىدى. 2019-يىلىغىچە، شىنجاڭ بويىچە 2 مىليون 923 مىڭ 200 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3107 نامرات كەنت نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىندۈرۈلدى، 22 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، نامراتلىشىش نىسبىتى 2014-يىلىدىكى %19.4تىن %1.24كە چۈشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا جەمئىي 2 مىليون 511 مىڭ 600 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2683 نامرات كەنت نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىندۈرۈلدى، 16 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، نامراتلىشىش نىسبىتى 2014-يىلىدىكى %29.1تىن %2.21كە چۈشتى. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچنى كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئاساسەن ھەل قىلىندى؛ نامرات ئائىلىلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىش ۋە ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش ئەھۋالى پۈتۈنلەي تۈگىتىلدى؛ نامرات نوپۇسنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى؛ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاندى، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. تۆتىنچىسى، مەركەزنىڭ قوللىشى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايدى. 2014-يىلىدىن 2019- يىلىغىچە، مەركەز مالىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۈەنگە يۆتكەپ چىقىم قىلغان مەبلىغى 263 مىليارد 690 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 422 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %10.4 ئاشتى، ئالتە يىلدا شىنجاڭنى جەمئىي 2 تىرىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ بىلەن قوللىدى. شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن 19 ئۆلكە ۋە شەھەر ئەتراپلىق ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 96 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇقنى يولغا قويدى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى كارخانىلار ئاجراتقان مەبلەغدىن 1 تىرىليون 684 مىليارد يۈەن ئەمەلىيلەشتى، مەركەز كارخانىلىرى سالغان مەبلەغ 700 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان ۋە خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئىشلىنىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى بولسا مەركەزنىڭ قەتئىي تۈردىكى رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر، ھەم شۇنداقلا بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە قان-تەرى مۇجەسسەملەنگەن. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، شىنجاڭ خىزمىتىگە قاتناشقان ۋە ئۇنى قوللىغان ھەر قايسى سەپلەردىكى يولداشلار، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى، ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ