مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز، دېدى

2020.09.24 17:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق پاسسىپ تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 23-سېنتەبىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىنى پاكىتقا توغرا قاراشقا، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشقا، شىنجاڭغا چېتىشلىق پاسسىپ تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش ۋە يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى ساقلانغان بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى جۇڭگونىڭ كەسكىن مەيدانى ۋە ئوبيېكتىپ پاكىتىغا قارىماي، شىنجاڭغا چېتىشلىق پاسسىپ تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى يامان نىيەتتە ھاقارەتلەپ، ئاتالمىش شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسىنى ھەدەپ كۆپتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي گەۋدىسى ۋە شەخسلىرىنى «جازالاش» ھەققىدە تەھدىت سالدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلىنىپ، قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە، ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىدىغان ھېچقانداق سالاھىيىتى ۋە ھوقۇقى يوق. ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى پۈتۈنلەي ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ بەزى ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان گەپ. جۇڭگو گوۋۇيۈەنى ئاخبارات ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا، شىنجاڭنىڭ ئاكتىپ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاساسىي ھوقۇقىنى كۈچلۈك قوغدىغانلىقىدەك ئوبيېكتىپ پاكىت ھەقىقىي خاتىرىلەنگەن بولۇپ، مەنمۇ مەخسۇس تونۇشتۇرغان. ئەگەر ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار زاتلار شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلسە، ئۇلار بۇ ئاق تاشلىق كىتابنى ياخشى ئوقۇپ بېقىشى كېرەك.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ‹كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى›نى ئېيتتى، ئەمما شىنجاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئاتالمىش شىنجاڭدا ‹مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش› مەسىلىسىنى خالىغانچە كۆپتۈرۈپ ھەمدە بۇنى باھانە قىلىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ شىنجاڭ كارخانىلىرىنى چەكلىدى، بۇ، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، «جۇڭگو قارتىسى»دىن پايدىلىنىپ شەخسىي سىياسىي مەنپەئەتنى كۆزلەشتەك ساختا ئاقكۆڭۈللۈكى ۋە ھەقىقىي نىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى. ئۇلارنىڭ سۇيىقەستى چوقۇم ئەمەلگە ئاشمايدۇ».

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنى پاكىتقا توغرا قاراشقا، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈشنى دەرھال توختىتىشقا، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشقا، شىنجاڭغا چېتىشلىق پاسسىپ تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش ۋە يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ. جۇڭگو بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى داۋاملىق قوللىنىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ