مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو يەنئەن روھى تەتقىقات جەمئىيىتى 6- قېتىملىق ئەزالار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، يەنئەن روھىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش لازىم

2020.09.21 18:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەنئەن روھى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 6-قېتىملىق ئەزالار يىغىنى 19-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقى ۋە تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، يەنئەن روھىنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقارغان بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: يەنئەن − جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددەس جايى، پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار ۋە پېشقەدەم كوممۇنىستلارنىڭ يەنئەندىكى مەزگىلىدە يېتىلدۈرگەن يەنئەن روھى پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىدۇر. يولداشلارنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتا توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، يەنئەن روھىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ۋەزىيەتكە قاراپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (تەبرىك خېتىنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم تارقىتىلدى)

  جۇڭگو يەنئەن روھى تەتقىقات جەمئىيىتى 1990-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان، يەنئەن روھىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشنى مەركىزىي ۋەزىپە قىلىپ، 30 يىلدىن بۇيان يەنئەن روھىنى جارى قىلدۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ