مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئاتالمىش شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ھەققىدىكى گەپلەر تىپىك يالغان خەۋەر، دېدى

2020.09.22 18:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 21-سېنتەبىر مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدىكى بەزى كۈچلەر ئاتالمىش شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسىنى خالىغانچە كۆپتۈردى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي پاكىت ئاساسى يوق، تىپىك يالغان خەۋەر. جۇڭگو ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار زاتلارنى ئاساسىي پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشقا، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا قارا چاپلاشنى توختىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كۆپ قېتىم شىنجاڭنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگونى ئەيىبلىدى، ئامېرىكا يەنە شىنجاڭ كارخانىلىرىنى جازالاش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  «شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە، ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىدىغان ھوقۇقى، سالاھىيىتى يوق». ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كۈچلەر شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئاتالمىش شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسىنى خالىغانچە كۆپتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى خىزمىتىگە قارا سۈركىدى، لېكىن ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ پاكىت ئاساسى يوق، پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى تىپىك يالغان خەۋەر. جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى يېقىندا «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. «ئەگەر ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار زاتلار شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلسە، ئۇلارنىڭ بۇ ئاق تاشلىق كىتابنى ياخشى ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز».

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەمگەك ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ماھىيەتلىك پائالىيىتىدۇر. ئەمگەك گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» دا پۇقرالارغا ئەمگەك قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى يۈكلەنگەن. ئەمگەك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش − دەل ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش، ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش دېمەكتۇر. شىنجاڭ باشتىن-ئاخىر ئەمگەكچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىش ھەققى ئېلىش، دەم ئېلىش، ئوتپۇسكا قىلىش، كەسىپ بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ مىللەت، رايون، جىنس، دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن كەمسىتىلمەسلىكىگە، شۇنداقلا شەھەر- يېزا، كەسىپ، سالاھىيەت قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2013-يىلىدىكى ئېيىغا 1520 يۈەندىن، 2018-يىلى ئېيىغا 1820 يۈەنگە يېتىپ، %19.74 ئاشتى، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتە بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرىدۇ. ئەمگەكچىلەرنىڭ چاغان، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى دەم ئېلىش ھوقۇقى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. ئەمگەكچىلەر قانداق تىل-يېزىقنى ئىشلىتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئالدىغا تاللىيالايدۇ.

  «ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش ___ جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە باشتىن-ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى يوقاتتى. شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلىرىغا، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە ئىنسانىي ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن. شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»قا قارىتا ئەيىبلەش بىر بولسا نادانلىقتىن كېلىپ چىققان، يەنە بىر بولسا يامان غەرەزدىن كېلىپ چىققان».

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار زاتلارنى ئاساسىي پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا تۆھمەت چاپلاشنى توختىتىشقا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز. جۇڭگو داۋاملىق زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ