مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى «ئۆلكە ھالقىپ بېجىرىش» ۋە «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئېرىشىش» مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش؛ «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك» بويىچە دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى قوللاش تەلەپ قىلىندى

2020.09.18 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 17-سېنتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى «ئۆلكە ھالقىپ بېجىرىش» ۋە «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئېرىشىش» مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش؛ «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك» بويىچە دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى قوللاش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك «ئۆلكە ھالقىپ بېجىرىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش − «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىگە، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشقا پايدىلىق. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: ھازىر بار بولغان تور سىرتىدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى توردا بېجىرىشكە ئۆزگەرتىشنى چىڭ تۇتۇپ، «ئۆلكە ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش»نى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش، كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈش، ئوقۇش تارىخى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىق 58 تۈرلۈك ئىشنى باشقا جايدا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى، داۋالىنىش راسچوتىنى ئەنگە ئالدۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش، نوپۇس يۆتكەش قاتارلىق 74 تۈرلۈك ئىشنى باشقا جايدا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. كېيىنكى قەدەمدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى نوپۇسقا ئېلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەققىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلارنى «ئۆلكە ھالقىپ بېجىرىش»نى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. توردا بېجىرىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، «ئۆلكە ھالقىپ بېجىرىش»نى قولايلىق، ئاسان مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاز ساندىكى ئاممىنىڭ تور سىرتىدا ئىش بېجىرىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىينىڭ سىرىنى قوغداش لازىم.

  «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئېرىشىش» مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: ئاھالىلەر ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلار تۆۋەن بېسىملىق توك ئىشلىتىشنى مەلۇم قىلىش، ئورنىتىشتا «ئىشىك ئالدىغا بارماسلىق، تەكشۈرۈپ تەستىقلىماسلىق، مەبلەغ سالماسلىق»نى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش لازىم، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مەملىكەت بويىچە توك ئىشلىتىشنى مەلۇم قىلىش، ئورنىتىش كەسپىنى توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاھالىۋى ئابونتلار ۋە «ئىشىك ئالدىغا بارماسلىق، تەكشۈرۈپ تەستىقلىماسلىق، مەبلەغ سالماسلىق» مۇلازىمىتى يولغا قويۇلىدىغان تۆۋەن بېسىملىق توك ئىشلىتىدىغان غەيرىي ئاھالىۋى ئابونتلارنىڭ پۈتۈن جەرياندا ئېلېكتېر مۇلازىمىتىنى بېجىرىش ۋاقتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەش ۋە 25 خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىلىدۇ، باشقا ئابونتلارنىڭ ئېلېكتېر مۇلازىمىتىنى بېجىرىش ۋاقتىمۇ زور دەرىجىدە قىسقارتىلىدۇ. 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاھالىلەر ۋە تۆۋەن بېسىملىق توك ئىشلىتىدىغان ئابونتلارنىڭ توك ئىشلىتىشنى مەلۇم قىلىش، ئورنىتىشتا «ئىشىك ئالدىغا بارماسلىق، تەكشۈرۈپ تەستىقلىماسلىق، مەبلەغ سالماسلىق» مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە غەيرىي ئاھالىۋى ئابونتلارنىڭ ئېلېكتېر مۇلازىمىتىنى بېجىرىش ۋاقتى 15 خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىلىدۇ. يۇقىرىقى تەدبىرلەر ئۈچ يىلدا كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا تەخمىنەن 130 مىليارد يۈەن مەبلەغ تېجەپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ