خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-سېنتەبىر سۇگا يوشىخىدېغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە بىر-بىرىگە يېقىن قوشنا، ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى مۇھىم دۆلەتلەردۇر، ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم، دوستانە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش − ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن تۈرلۈك پىرىنسىپ ۋە تۆت پىرىنسىپال ئورتاق تونۇشنىڭ روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تېلېگىرامما ئەۋەتىپ، سۇگا يوشىخىدېنىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە جۇڭگونىڭ ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستلۇق ئالاقىسى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ