مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزدە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى %80 تىن ئاشتى

2020.09.15 18:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-سېنتەبىر «پۇتۇڭخۇادا سۆزلەش، قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان 23-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى باشلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %80.72 بولغان، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تا پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى %61.56 بولغان. باشلىنىش مۇراسىمى بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، خوتەنلەردە توردا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەملىكەتلىك پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تيەن شۆجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 23 يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاكتىپ رول ئوينىدى. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇشتا تىل-يېزىق ئىشلىرىنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن خىزمەت نىشانى غەلىبىلىك تاماملاندى.

  پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە جايلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل، ئالاھىدىلىكى روشەن يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئاممىنى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئاڭلىق قېلىپلاشتۇرۇپ قوللىنىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن 1998-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 3-ھەپتىسى مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى بولۇپ، بۇ يىل پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى 9-ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ