مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ چىڭخەيدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مەركەزنىڭ 7- قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەش لازىم

2020.09.16 18:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا چىڭخەيدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ 7- قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش باسقۇچىدا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئالدىدا تۇرغان تارىخىي پەيتتە ئېچىلغان مۇھىم يىغىن بولۇپ، مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، شىزاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەردە دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپىلەرنى توغرا ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، شىزاڭنىڭ ۋە شىزاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوبلاست-ناھىيەلەرنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  14- چېسلادىن 15- چېسلاغىچە، ۋاڭ ياڭ گولو زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپى، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنى، ئوبلاستلىق رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، ھەمدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ «يەتتە قېتىملىق يىغىن»نىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ۋاڭ ياڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىزاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يەتتە قېتىملىق يىغىن»نىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بولسا، نۆۋەتتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، شۇنداقلا كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. مەخسۇس ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ چۇڭقۇر تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، ھەم ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ھەم قائىدىنى بىلىش، ھەمدە ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش، روھىي ماھىيىتى ۋە يادرولۇق مەزمۇنىنى ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. كۆپ خىل شەكىلدىكى ۋە مول مەزمۇنلۇق تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئاڭلاشنى خالايدىغان ئۇسۇللار، چۈشىنەلەيدىغان تىل ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇللار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، يىغىن روھىنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى نىشان ۋە جەدۋەلگە توغرىلاپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۇرۇپ ئاجىز تۈرلەرنى تېپىپ چىقىپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىش ئورنى ھېساباتىنى ئورنىتىپ، ھېسابنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ ۋە سېلىشتۇرۇپ، بوغۇش ۋە ھېسابتىن ئۆچۈرۈش كېرەك. كونكرېت خىزمەتتە ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ھەقىقەتەن تەڭشەشكە تېگىشلىك سىياسەتلەرنى ھەر جەھەتتىن دەلىللەپ ۋە پىلانلاپ، بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن ھەرىكەت قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ