مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«خەلق گېزىتى»نىڭ باياناتچىسى پومپىئونىڭ ئالاقىدار باياناتىغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى

2020.09.11 18:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-سېنتەبىر، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو ئاشكارا سۆز قىلىپ، «خەلق گېزىتى»نىڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى برانستادنىڭ ماقالىسىنى بېسىشنى رەت قىلغانلىقىنى يولسىزلىق بىلەن ئەيىبلىدى ھەمدە جۇڭگو تاراتقۇلىرىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى پۈتۈنلەي يامان نىيەتلىك ئىغۋاگەرچىلىك بولۇپ، پاكىتتىن ئېغىر دەرىجىدە چەتنەپ كەتكەن، «خەلق گېزىتى»نىڭ باياناتچىسى بۇنىڭغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى ۋە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پاكىتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش زۆرۈر، دەپ قارىدى.

  26-ئاۋغۇست ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى «خەلق گېزىتى» بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، 4-سېنتەبىردىن بۇرۇن باش ئەلچى برانستادنىڭ ماقالىسىنى بېسىشنى تەلەپ قىلىپ، 27-ئاۋغۇستتا جاۋابقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدى ھەمدە كەلگەن خەتتە: «ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ماقالىنى تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىش، ھېچقانداق تۈزىتىش كىرگۈزمەسلىك ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايدۇ»، دەپ ئېنىق بىلدۈردى.

  «خەلق گېزىتى» ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچى برانستاد نامىدا ئەۋەتىلگەن ماقالىنىڭ مەزمۇنىدا يوچۇق كۆپ، پاكىتقا ئېغىر دەرىجىدە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ھەمدە «خەلق گېزىتى»نىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داڭقى چىققان، كەسپكە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان بىر داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەلگەن ئارگىنالنى تاللاپ ئىشلىتىش، ئېلان قىلىشتا ئىزچىل تۇتقان ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ يەنىلا «خەلق گېزىتى»دە ئېلان قىلىشنى ئۈمىد قىلسا، باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، پاكىتقا ئاساسەن ماقالىگە ماھىيەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك، مۇشۇ ئاساستا، بىز ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمىز.

  «خەلق گېزىتى» ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا ئوخشاش كەلگەن ماقالىنى ئېلان قىلىش-قىلماسلىقنى ۋە قاچان ئېلان قىلىپ تارقىتىشنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئەۋەتىلگەن ماقالىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە تەھرىرلەشكە ھوقۇقلۇق، شۇنداقلا روشەن پاكىت خاتالىقى ۋە ئاداۋەتكە تولغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بۇ، ئاخبارات ساھەسىنىڭ مىزانى، شۇنداقلا خەلقئارا ئادەتكىمۇ ئۇيغۇن.

  «خەلق گېزىتى» ئامېرىكىنىڭ يولسىز ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقىغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىدۇ، ئامېرىكا كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى ئالاقىدار ئۇسۇللارنى دەرھال تۈزىتىپ، «خەلق گېزىتى» قاتارلىق جۇڭگو ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، جۇڭگو ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بولغان ھۇجۇم قىلىش ۋە قارا سۈركەشنى توختىتىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ