مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى لاكارې بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.09.10 17:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى لاكارې بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇرۇگۋاي ئەڭ بالدۇر جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا مەدەت بەرگەن ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئۇرۇگۋاي خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەر، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر ئۇرۇگۋاينى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى ھەم ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەجرىبىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان مىسلىسىز ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىدىيەسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش يولىدا ماڭدۇق. جۇڭگو داۋاملىق ئۇرۇگۋاي بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ