شىرئەلىجان ئۈچ يىللىق يۇقىرى مائاشلىق توختام بىلەن توڭشى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوشۇلدى

2020.09.11 18:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، 2020-، 2021- مۇسابىقە پەسلىدىكى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ دۆلەت ئىچى توپچىلىرىنى رويخەتكە ئېلىش ئۇچۇرلىرى ئېلانى يېڭىلاندى، نەنجىڭ توڭشى كوماندىسى جائونگېر خويشەن، شىرئەلىجان مۇختەر، ليۇ يۈنەن، ۋاڭ خاۋيۈ، لى خۇڭپېڭ، گو يىفېي ۋە ۋاڭ رۇي قاتارلىق يەتتە نەپەر توپچىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ماتېرىيالىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ تاپشۇردى، ئۇچۇر جەدۋىلىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىرئەلىجان ئۈچ يىللىق يۇقىرى مائاشلىق توختام بىلەن توڭشى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوشۇلدى.

  ئارقىدىن نەنجىڭ توڭشى داشېڭ ۋاسكېتبول كۇلۇبى ئورگان تەرەپ شىرئەلىجاننىڭ قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، شىرئەلىجانمۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا يۆتكەلگەنلىك خەۋىرىنى ئېلان قىلدى.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ توپ مەستانىلىرى تەرىپىدىن «كوماندا روھى» دەپ ئاتالغان شىرئەلىجان شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن 11 مۇسابىقە پەسلىدە كۈچ چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى گۇاڭجۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ۋاقىتلىق قوشۇلدى. 2019-، 2020- مۇسابىقە پەسلىدە، شىرئەلىجان شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن 46 مەيدان دائىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ھەربىر مەيداندا ئوتتۇرىچە 28.3 مىنۇت مەيدانغا چىقتى، 9.0 نومۇر ئالدى، گاردىن قايتقان 2.9 توپنى تارتىۋالدى، 4.6 قېتىم ھۇجۇمغا ياردەملەشتى، 1.3 قېتىم توپ تارتىۋالدى. پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە ئۇ ئۈچ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى، ئوتتۇرىچە 32.3 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ، 15.7 نومۇر ئالدى، گاردىن قايتقان 3.0 توپ ئېلىپ، 2.7 قېتىم ھۇجۇمغا ياردەملەشتى، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىنى كۆرگەنلەرنىڭ چوقۇم ئېسىدە بار، شىرئەلىجان ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن يەتتىنى كىرگۈزۈپ، كوماندىسىنىڭ قوش چەت ئەللىك ماھىرغا ئىگە بېيجىڭ پاي كونتروللۇقى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم قىلدى، ئاخىرىدا ئۇچار يولۋاس كوماندىسى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. 20-نومۇرلۇق «ياش ماھىر»، غەيرەت قىلىڭ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ