يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە مەملىكەتلىك تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى

شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن ۋە مېدال تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ رەئىس پەرمانىنى ئوقۇدى، ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى

2020.09.09 14:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە مەملىكەتلىك تەقدىرلەش يىغىنى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن ۋە مېدال تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە ئېرىشكەن زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئۈستۈنلۈكىنى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنىنى، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئاڭلىقلىقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئىپتىخارلىقىنى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە ئىنتىلىش كۈچىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى. بۇ جەزمەن بىزنى يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە توسالغۇلارنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا بېسىشىمىزغا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت گېنى بىلەن تومۇرداش بولۇپ، ئۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم ۋە سوتسىيالىزم روھىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجىدۇر، ئۇ جۇڭگو روھىنىڭ جانلىق چۈشەندۈرۈلۈشىدۇر، ئۇ مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى. بىز پۈتۈن جەمئىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ رەئىس پەرمانىنى ئوقۇدى، ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.

  سائەت سەككىزدىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر تۇرۇشلۇق جايدىن مېھمان كۈتۈش ماشىنىسى بىلەن كوللېكتىپ يولغا چىقىپ، دۆلەت مېھمىنى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ھىمايىسىدە خەلق سارىيىغا باردى. خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسى ئالدىدا، قىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھۆرمەت قاراۋۇللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلدى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى پەلەمپەيدە ھەيۋەتلىك ھالدا تىك تۇرۇشتى، ياش-ئۆسمۈرلەر قىزغىن تەنتەنە قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى. دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر قىزىل پاياندازنى بويلاپ خەلق سارىيىغا كىردى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە كۆرسەتكەنلەر ۋە شەرەپكە ئېرىشكۈچىلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ يەردە ئۇلارنى كوللېكتىپ كۈتۈۋالدى.

  خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالى قىزغىن تەنتەنە كەيپىياتىغا چۆمدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە مەملىكەتلىك تەقدىرلەش يىغىنى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغان بولۇپ، ئارقىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىگە 10 قىزىل بايراق تىزىلغان ئىدى. 2- قەۋەتتىكى بالكونغا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى!» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان پىلاكات ئېسىلغان ئىدى.

  سائەت دەل ئوندا يىغىن باشلاندى. ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي ئوركېستىرى «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى. دۆلەت شېئىرى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قۇربان بولغانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ