مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2020-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش يازما ئىمتىھانى 11-ئۆكتەبىر ئېلىنىدۇ

2020.09.11 18:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2020-يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانى 10-ئاينىڭ 11- كۈنى ئېلىنىدىكەن.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتىدۇ:

  بىرىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يان تېلېفون ئارقىلىق «جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى» يان تېلېفون ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، ئىمتىھاندىن 14 كۈن بۇرۇن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى باشلىشى، ھەر كۈنى بىر قېتىم قاتتىق ئۆلچىشى، تەلەپ بويىچە سالامەتلىك ئەھۋالى ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، «ساغلام يول يۈرۈش كودى»غا ئېرىشىشى ھەمدە «ساغلام يۈرۈش كودى» ئەھۋالىغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ، ئەگەر بەدىنىدە بىنورماللىق كۆرۈلسە، دەرھال شۇ جايدىكى مەھەللە يۇقۇم مۇداپىئە تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى لازىم، «ساغلام يۈرۈش كودى» يېشىل كود ھەمدە بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا نورمال قاتناشسا بولىدۇ، «ساغلام يۈرۈش كودى» يېشىل كودى بولمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى يەتتە كۈن ئىچىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى بويىچە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەنپىيلىك ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛

  ئىككىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يۇقۇم ئەھۋالى ئوتتۇرا، ئېغىر رايونلار ياكى دۆلەت (چېگرا) سىرتىدا ساياھەت قىلىش، ئولتۇراقلىشىشتىن ساقلىنىشى؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار، گۇمانىي بىمارلار، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلاردىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشى، كىشىلەر توپىنىڭ ئېقىشى بىر قەدەر كۆپ، كىشىلەر توپى زىچ سورۇنلارغا توپلىنىشتىن ساقلىنىشى لازىم؛

  ئۈچىنچى، ئىمتىھان بېرىشتىن ئىلگىرى يۇقۇم ئەھۋالى ئوتتۇرا، ئېغىر رايونغا بارغانلىقى بېكىتىلگەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار، گۇمانىي بىمارلار ياكى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن زىچ ئۇچراشقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بولسا، دەرھال ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن مەسلىھەت سوراش تېلېفونى ياكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش كەسپىي خادىملىرى باھالاپ قوشۇلغاندىن كېيىن ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ؛

  تۆتىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھاندىن ئىككى سائەت بۇرۇن ئىمتىھان نۇقتىسىغا يېتىپ بېرىشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان نۇقتىسىغا بېرىش يولىدا، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ماسكا تاقاپ، شەخسىي قوغدىنىش ۋە دېزىنفېكسىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. سالاھىيىتىنى تەكشۈرتكەندە تەلەپ بويىچە ماسكىنى ئېلىۋەتكەندىن سىرت، ئىمتىھان نۇقتىسىغا كىرىش-چىقىش ۋە ئىمتىھانغا قاتناشقاندا پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاش كېرەك؛

  بەشىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى (http://www.xjkunlun.cn)، شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjrs.gov.cn)، شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn) غا چىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش كۆرسەتمىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇشى ھەمدە تەلەپ بويىچە ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى تەييارلىقلارنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ