مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇيقۇ ناچار بولسا يۈرەك ۋە جىگەرنى تەڭشەش كېرەك

2020.09.09 18:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېرىم كېچىدە، بەزىلەر ئاللىقاچان ئۇيقۇغا غەرق بولىدۇ، تاڭ يورۇغىچە ئۇخلايدۇ، بەزىلەر ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ، ئارقا-ئارقىدىن قاباھەتلىك چۈشلەرنى كۆرۈپ، تاڭ يورۇماستىنلا ئويغىنىپ كېتىدۇ. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدە كىشىلەر توپى ئىچىدە %45.4 ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى توسالغۇغا ئۇچرايدىكەن. ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇسىزلىق جىسمانىي ۋە روھىي چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك كېسىلى، دىئابىت كېسىلى قاتارلىق ئەسلىدىكى كېسەللىكلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇ دورىسى ئىشلەتكەن بىمارلاردا يەنە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىكەن.

  بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن، جۇڭگو تېبابىتىدە ئۇيقۇسىزلىق ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋالغا بۆلۈنىدۇ:

  ئۇيقۇغا كىرىش قىيىن بولۇش: بۇنىڭ ئىپادىسى ئاساسلىقى ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ، روھىي جەھەتتە تىت-تىت بولۇش، دائىم ئېغىزغا جاراھەت چىقىش، سۈيدۈكى ئاز، قىزىل كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ، كۆپىنچە روھىي بېسىم ئېغىر بولۇش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە يۈرەكنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشكە تەۋە، ئازراق نېلۇپەر ئۇرۇقى ئۆزىكىنى چاي ئورنىدا ئىچىپ، يۈرەكتىكى ئىسسىقنى پەسەيتىشكە بولىدۇ. ئەگەر تىت-تىت بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، باش قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، كۆپىنچە جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشكە تەۋە، ئازراق ياز غازىڭى (بىر خىل ئۆسۈملۈك)نى چاي ئورنىدا ئىچسە بولىدۇ ياكى گېنتىئانا جىگەر كۇمىلىچى، تەم قوشقۇچى شياۋياۋ كۇمىلىچى قاتارلىق تەييار جۇڭيى دورىلىرىنى ئىچىشكە بولىدۇ. ئۇيقۇغا كىرىش ئۇزاققىچە قىيىن بولغاندا، جىنسىي سۇيۇقلۇقنى خورىتىپ، جىگەر، بۆرەكنىڭ مۇئەننەسلىكى ئاجىزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا، جىبو دىخۇاڭ كۇمىلىچى قاتارلىقلارنى ئىچىشكە بولىدۇ.

  ئۇيقۇ ئەمەلىي بولماسلىق: بۇنىڭ ئىپادىسى ئاساسلىقى ئۇخلاش ۋاقتى قىسقا، ئاسان ئويغىنىش، ئويغانغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۇخلىيالماسلىق، دائىم ئۇخلىغاندەك ھېس قىلىش، ئەمەلىيەتتە ئۇخلىماسلىق، ئويغانغاندىن كېيىن ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش قاتارلىقلار. بۇنىڭ كۆپىنچىسى يۈرەك، جىگەر، جىنسىي ئەزادا قان زەئىپلىشىپ زەخىملىنىش، جىگەرنىڭ كۈچى يوق بولۇش سەۋەبلىك بولۇپ، ئازراق نېلۇپەر ئۇرۇقى ۋە شىزاندارانى چاي ئورنىدا ئىچىشكە ياكى تيەنۋاڭ ياشىندەن قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

  ئۇخلىغاندا كۆپ چۈش كۆرۈش: چۈش كۆرۈش بەك كۆپ بولۇش، يەنە كېلىپ قالايمىقان چۈش كۆرۈش خۇددى كىنو كۆرگەندەكلا كېچە-كۈندۈز توختىماي چۈش كۆرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە بەلغەم دۇغلىشىشقا تەۋە بولۇپ، ئاشقازاننى بىئارام قىلىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، چوڭ تەرىتى بىنورمال بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بىمارلار سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىك يېيىشكە دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ كەچلىك تاماقتا سۇيۇق-سەلەڭ، مىقدارى ئاز، ئاسان ھەزىم بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، يەنە ئېرچېنۋەن قاتارلىق بەلغەم بوشىتىدىغان تەييار جۇڭيىچە دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

  بالدۇر ئويغىنىش: ئۇخلاش ۋاقتى قىسقا، بالدۇر ئويغىنىش، ئويغانغاندىن كېيىن قايتا ئۇخلىيالماسلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆپىنچە تەشۋىشلىنىش، جىگەر يېلى قېتىۋېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، تەم قوشقۇچى شياۋياۋ كۇمىلىچى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ؛ ياشانغانلاردا كۆپىنچە يۈرەك ۋە تال زەئىپلىشىش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئادەمگىياھ گۇيپى كۇمىلىچى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ