مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 8-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2020.09.10 13:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 8-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مەسىلىسىنى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوبوروت سىستېمىسى خەلق ئىگىلىكىدە ئۇللۇق رول ئوينايدۇ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا، زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسىنىڭ قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوبوروت يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئوبوروت ساھەسىنىڭ تۈزۈم قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، دۆلەت ئىچىدە چوڭ ئايلىنىشنى سۇبيېكت قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئوبوروت ئۈنۈمى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ئوخشاشلا مۇھىم بولۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەرەپ. يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوبوروت سىستېمىسى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمالنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە باغلاپ، سودا دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىش تەقسىماتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بايلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى ئايلىنىش بىلەن خەلقئارا ئايلىنىش يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى، دۆلەتنىڭ تايانچ ئوبوروت تورى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى، ئوبوروت ساھەسىدە يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، تاۋار ۋە ئامىل ئوبوروت تۈزۈمى مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، ئوبوروت كەسپى مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىزنىڭ ئوبوروت سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش دەرىجىسى يەنىلا يۇقىرى ئەمەس، يەنە نۇرغۇن توسۇقلارنى تۈگىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ