مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى جۇڭگو روھىنىڭ جانلىق ئىزاھلىنىشىدۇر

2020.09.09 14:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەمدە روھ بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا قۇدرەت تاپالمايدۇ. 8- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە مەملىكەتلىك تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە زور تۆھپە قوشقان بارلىق خادىملارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئېغىر يۇقۇم بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتەك بىر مەيدان جەڭدە تاۋلانغان بۇ ئۇلۇغ روھقا مەدھىيە ئوقۇدى.

  2020- يىلىنىڭ بېشىدا جۇڭخۇا زېمىنى يۇقۇمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە يېتەكچىلىكىدە، بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى كىشىنى چۆچۈتىدىغان شۇ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر مەيدان ئۇرۇشنى ئېلىپ بېرىپ، سەككىز ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۈرىشىنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردۇق، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدىكى يەنە بىر قەھرىمانلىق ھەرىكىتىنى ياراتتۇق.

  جۇڭگونىڭ بۇنداق نەتىجىگە ئېرىشەلىشى ھەر بىر جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئېغىر يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگو خەلقى جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپى ھاسىل قىلدى؛ كەڭ تېببىي خادىملار جەڭگە ئاتلىنىپ، يۇقۇمغا قارشى يولغا چىقىپ، پىداكارلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزدى؛ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئىشلىرىنى ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى مۇقىم ئەسلىگە كەلتۈردى؛ جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىپ، يەر شارى بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى تەقدىم قىلدى. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، پارتىيەمىز ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ، كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، پەۋقۇلئاددە تەدبىر بىلەن ئىنتايىن زور ئىشقا تاقابىل تۇردى. بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى تۈپ قوللانما ۋە ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بولسا، ئۇ ھەم بىر مەيدان ئۇرۇش، ھەمدە بىر قېتىملىق چوڭ سىناق ھېسابلىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قىيىنچىلىق بىلەن كۈرەش قىلىش بولسا ماددىي كۈچ سىنىشىش ۋە شۇنداقلا مەنىۋى قورغان ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، تىز پۈكمەيدىغان ۋە قورقمايدىغان مىليونلىغان خەلق قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئورتاق كۈرەش قىلىشتەك قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى نامايان قىلدى. يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتىن نامايان بولغان بۇ ئۇلۇغ روھ بولسا، جۇڭگو روھىنىڭ جانلىق ئىزاھلىنىشىدۇر، ئۇ ھەم شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ