مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

2020.09.04 16:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 3-كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 75 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكى جاكارلاندى. ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئوكيانىيەنى قاپلىغان ئاشۇ ئۇرۇشتا، ھەر قايسى دۆلەت ئارمىيەلىرى ۋە خەلقىدىن قازا قىلغانلار ۋە يارىلانغانلار 100 مىليوندىن ئېشىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەندى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ئاساسىي جەڭگاھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن غايەت زور مىللىي قۇربانلىق بېرىپ، ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشتى. ئىككى دۆلەت خەلقى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ئىسسىق قېنى بەدىلىگە مۇستەھكەم، يىمىرىلمەس ئۇلۇغ دوستلۇق ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوخشاشلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات ئىشلىرىدا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. مەن سىز بىلەن داۋاملىق ئورتاق تىرىشىپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى پائال قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋلادلارنى ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن دۇنيادىن بەھرىمەن قىلىشنى خالايمەن.

  پۇتىن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق پاجىئە. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو فاشىزم ۋە مىلىتارىزمغا قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسلىق جەڭگاھ بولۇپ، تاجاۋۇزچىلار ئۈستىدىن ئۈزۈل-كېسىل غەلىبە قىلىش ئۈچۈن غايەت زور مىللىي قۇربانلىق بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ