مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش نەتىجىسىدە جۇڭگونىڭ رېئال مەسىلىلىرى ھەل قىلىندى

2020.09.07 17:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىش ۋە ھەممىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ سىناشتىن ئىبارەت ئىلمىي پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر قاتار تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى. «شى جىنپىڭ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، شۇنى چوڭقۇر ھىس قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭدا پۈتۈن ئەسەر بويى كۈچلۈك مەسىلە ئېڭى ۋە روشەن مەسىلە يۆنىلىشى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ پارتىيەنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتەك ئىدىيەۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، ھەمدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز، ئەمەلىيەت داۋامىدا خىزمەتلەرنى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشىمىز، ھەم شۇنداقلا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىز ئۈچۈن، بىزگە شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

  مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ماركسىزمنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستلىرىمىزنىڭ ئىنقىلاب قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىپ، ئىسلاھاتنى تۇتتۇشىمىز، ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ رېئال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ مۇرەككەپ خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. بىز تاشقى مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ۋە ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسنى چوڭقۇر تونۇشىمىز ۋە توغرا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش بىزدىن راستچىل ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك ئىلمىي روھقا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرەپلىك ھەم مۈشكۈل بىر ئىشتۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشقان جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى ئۇدا كۈچلۈك مەسىلە ئېڭى ۋە روشەن مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، شەيئىلەردىكى ئاساسىي زىددىيەتنى ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇشتەك ئىلمىي ئۇسۇلغىمۇ ئىگە بولۇپ كەلدى. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى، دېگەن بۇ زور ھۆكۈمنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىن باشلاپ، تاكى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە؛ يەنە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلىشتىن باشلاپ، تاكى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، بۇنىڭدا بىر خىل ئەمەلىيەتچىل ئىدىيە بولۇش ۋە زىددىيەتكە بىۋاسىتە يۈزلىنىشتەك سىياسىي جاسارەت نامايان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ