مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئورنىتىشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2020.09.02 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 1-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى سۇبيېكت قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش-ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، مۇھىتى، شارائىتىدىكى ئۆزگىرىشكە ئاساسەن چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ھەل قىلغۇچ تەدبىر، ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك سىستېمىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات. ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تەدبىردىن داۋاملىق، يېتەرلىك، ياخشى پايدىلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، بوران-چاپقۇنمۇ توسقۇنلۇق قىلالمايدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئورنىتىشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئورنىتىشتا، بىزنىڭ روشەن تۈزۈم ئەۋزەللىكىمىز ۋە پۇختا ئىسلاھات ئاساسىمىز بار. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى چۆرىدەپ بىر يۈرۈش زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چىقىرىپ، بىر يۈرۈش نەزەرىيە نەتىجىلىرى، تۈزۈم نەتىجىلىرى، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈردۇق. بۇ ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ياخشى قوللىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش جەھەتتىن سالماقنى زورايتىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، چوڭقۇرلۇقنى كېڭەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلاردا يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش جەھەتتىن تېخىمۇ كۈچەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئورنىتىش-نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە ئىسلاھات چارىسىنى ماھىرلىق بىلەن قوللىنىپ، قىسقا مۇددەتلىك تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئوتتۇرا، ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، ھەم ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەم ھالقىلىق جەھەتلەردىن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ بايلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىسلاھات، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق ئىسلاھاتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەتنى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ سىستېمىلىق توپلىشىشى، تەڭكەش يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى كۈچەيتىپ، نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، توسۇقلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي ئۈنۈمنى ئۇرغۇتۇش؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئورنىتىش بىلەن دۆلەت رايون تەڭكەش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش قاتارلىقلارنى تۇتاشتۇرۇپ، شارائىتى يار بەرگەن رايونلاردا يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئالدى بىلەن ئىزدىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش؛ ئىسلاھاتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىك تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، زىددىيەتنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ ۋە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرىغا تېخىمۇ پائال، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەت بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، تۈزۈمنىڭ كېڭىيىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ