جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن مۇراسىمغا قاتناشتى

2020.09.04 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتايلى. 9-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتناشتى.

  بېيجىڭنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىدىكى لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى بويىدىكى ۋەنپىڭ شەھىرى ئىچىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە سارىيى ھەيۋەتلىك ۋە سۈرلۈك ئىدى. خاتىرە سارىيى ئالدىدىكى مەيداندا، قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق لەپىلدەپ تۇراتتى، «مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ئوردېنى» ھەيكىلى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدى ئىشىكىگە «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغان ئىدى. دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ھەيۋەتلىك ئۈچ قوشۇننىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قورال كۆتۈرۈپ ئۆرە تۇراتتى.

  سائەت 9 دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار بۇ يەرگە كەلدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى ئالدىدىكى سۇپىدا سۈكۈتتە تۇردى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى گېنېراللارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋەكىللىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان خەلقئارا دوستلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى خاتىرە سارىيىغا قاراپ سۈكۈتتە تۇردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچى، پېشقەدەم يولداشلار، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ئايرىم-ئايرىم تەقدىم قىلغان يەتتە گۈل سېۋىتى خاتىرە سارىيى ئالدىدىكى سۇپىغا بىر-بىرلەپ تىزىلدى. گۈل سېۋىتىنىڭ قىزىل لېنتىسىغا «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار مەڭگۈ ھايات» دەپ يېزىلغان ئىدى.

  سائەت 10 دا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قەھرىمانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى باشلاندى.

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرى ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى بىرلىكتە ئېيتتى. «قوزغال! قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار! گۆش ھەم قېنىمىز بىلەن مەھكەم ئىستىھكام قۇرايلى...» جۇشقۇن مېلودىيە لۇگوۋچياۋ كۆۋرۈكى بويىدا ياڭراپ، كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىلىرىنى يەنە بىر قېتىم جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ۋەتەن بېشىغا كەلگەن ئۇرۇش يالقۇنى يىللىرىغا ئېلىپ كەلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېگىلمەي-سۇنماي، باتۇرلۇق بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەسلەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ