مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىقتىسادچىللىقنى ئائىلە تەربىيىسىگە سىڭدۈرۈش لازىم

2020.09.07 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئائىلە تەربىيىسىدە «ئىسراپچىلىق نومۇستۇر، ئىقتىسادچىللىق شەرەپتۇر.» دېگەننى تەشەببۇس قىلىش بولسا، بىر خىل ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلغانلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بالىلارنى «تىرىشىپ دۆلەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرالايدىغان، تېجەشلىك بىلەن ئائىلە باشقۇرالايدىغان» ئەخلاق-پەزىلەت بىلەن يېتىشتۈرۈپ تەربىيە كۆرگۈزگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  «يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ !» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەشۋىق-تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىساد قىلىش ئادىتىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە «ئىسراپچىلىق نومۇستۇر، ئىقتىسادچىللىق شەرەپتۇر.» دەيدىغان كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش ۋە تېجەشلىك بولۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە، ئائىلە تەربىيەسى كەم بولسا ھەرگىز بولمايدىغان مۇھىم ھالقىدۇر. ئائىلە بولسا كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى دەرسخانا، ئاتا-ئانا بولسا بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى، ئائىلە تەربىيىسىدە ئىسراپچىلىقنى نومۇس، تېجەشلىك بولۇشنى شەرەپ، دەپ بىلىش بولسا، بىر خىل ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلغانلىق بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى بالىلارغا «تىرىشىپ دۆلەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرالايدىغان، تېجەشلىك بىلەن ئائىلە باشقۇرالايدىغان» ئەخلاق-پەزىلەت بىلەن يېتىشتۈرۈپ تەربىيە كۆرگۈزگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بۇزۇپ-چېچىپ ئىسراپچىلىق قىلىشتەك ناچار ئىستىلنى تازىلاشنى، ھەمدە يۈرۈش-تۇرۇشتەك كۈندىلىك تۇرمۇشتا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مەدەنىيەت ساپاسىنى نامايەن قىلىدۇ.

  تىرىشچان ۋە ئىقتىسادچىل بولۇشنى ئائىلە ئىستىلىغا سىڭدۈرۈشنى قايتا تەكىتلەش بولسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئائىلىنىڭ ئاشلىق، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ جاي ۋە قاتناش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىستېمال قارىشى بالىلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇنى بالىلىقتىن باشلاپ تۇتمىسا، نەتىجىدە بۇزۇپ-چېچىپ ئىسراپچىلىق قىلىشتەك ئۇنداق ناچار قىلىقلار بالىلاردا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كېتىدىغان ناچار ئادەتكە ئايلىنىپ كەتسە، ئۇ خىل ناچار ئادەت يىغىلىپ كۆپەيگەنچە، ئۇنى قايتۇرۇپ ئالغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، توغرا ئىستېمال قارىشىنى يېتىلدۈرۈش، تېجەشلىك بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرۈشتەك ئادەتنى يېتىلدۈرۈش بولسا، ئائىلە تۇرمۇشىدىكى ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئورتاق يۈزلىنىشكە تېگىشلىك تېما ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر ئائىلە باشلىقى چوقۇم "ئىقتىسادچىل بولۇش بىر خىل تەۋەررۈكتۇر، ئۇنى ھەرقانداق ۋاقىتتا تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ." دېگەننى ئەستە چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  ھازىر دەۋر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئەخلاق مەدەنىيلىكىمۇ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ. گەرچە تۇرمۇش كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىزنىڭ ئىسراپ قىلىشىمىزغا ھېچقانداق ھوقۇقىمىز يوق. مەن ھەممە ئادەمنىڭ ئىقتىسادچىللىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادچىللىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، تىرىشچان-ئىقتىسادچىل بولۇشنى ياخشى ئائىلە ئىستىلى ۋە ئىجتىمائىي يېڭى ئىستىلغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ