مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردىكى مىللىي روھ تۈۋرۈكىنى يۇقىرى كۆتۈرەيلى

2020.09.08 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىددىي بولغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۇلۇغ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش تارىخىدا زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. تۈزۈم بايلىقى بىلەن ئىقتىسادىي بايلىقنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشى، ئادىمىيەت ھېسسىياتى ۋە ئىلىم-پەن روھىنىڭ بىر-بىرىنى چاقنىتىشى، ئاممىنىڭ كۈچى بىلەن كەسپىي كۈچنىڭ بىرلىشىشىنى بىر تۇتاش پىلانلىشى، مانا بۇلار يۇقۇمنى يېڭىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ قالدى. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلققە يېقىندىن تايىنىش، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىش بولسا، خەلقنى پۇختا يىلتىز تارتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى يېڭىشتىكى كۈچ تىرىكىگە ئايلاندى.

  ھېچقانداق مەدەنىيەت ئۆلچىمى بىر دۆلەتنىڭ ھاياتقا بولغان پوزىتسىيەسىدىنمۇ بەكرەك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئۈچ ئايدىلا، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر بىلدۈردى، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلغان، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە باتۇر مىللەت بولىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. دۆلەت قەھرىمانلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى بىلەن قۇدرەت تاپتى، مىللەت روھنىڭ قەد كۆتۈرۈشى بىلەن روناق تاپتى، جەمئىيەت ھەيۋەتلىك ۋە جۇشقۇن كەيپىياتقا تولدى.

  چوڭ يۇقۇملۇق كېسەل تۇراقسىز، ھەققانىيەت بىباھا. ۋىرۇس كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر ئادەمنىڭ ساغلاملىق مۇداپىئە سېپىنى بىتچىت قىلىشى مۇمكىن، لېكىن بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى مۇداپىئە سېپىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. "گەرچە بۇ شەھەر ئىلگىرىكى جانلىقلىقنى يوقاتقان بولسىمۇ، لېكىن، بۇ دۇنيانىڭ ئىللىقلىقى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.» ۋۇخەن مېھمانخانىسىنىڭ چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىسىدىكى بىر بىمار ئاق خالاتلىق پەرىشتىگە يازغان خېتىدە شۇنداق ھاياجانلاندى. خۇبېيغا ياردەمگە كەلگەن شەندۇڭلۇق بىر ئانا، ئوغلىغا ئۆزىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىنى تاپىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ