مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيا تىنچلىقىنىڭ كۈچىنى زورايتىدۇ

2020.09.04 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» لۇگوۋچياۋ كۆۋرۈكى بويىدا ياڭرىدى، ھەيۋەتلىك ئۈچ قوشۇننىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قورال كۆتۈرۈپ ئۆرە تۇردى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتناشتى. 3- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئىنقىلابىي قۇربانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەيدانى خاتىرە ئورنىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئالاھىدە نۇقتىدا خاتىرىلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەققانىيەتنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىشىمىز، بۇنىڭدا خەلقئارا قائىدە ۋە خەلقئارا ئادالەتنى ئورتاق قوغدايدىغان قەتئىي ئىرادە ۋە 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى ئورتاق قوغدايدىغان قەتئىي ئىرادە ئىپادىلەنگەن.

  بۈگۈنكى تارىخ ئەكس سادا بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەت تىنچلىقنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشى ۋە ھەققانىيەتنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشى ئۈچۈندۇر. 75 يىل ئىلگىرى، ھەققانىيەت ۋە رەزىللىك، يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق، تەرەققىيات ۋە ئەكسىيەتچىلىك ئارىسىدىكى چوڭ جەڭ ئىچىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى باشلانغان ۋاقتى ئەڭ بالدۇر، داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولدى، 35 مىليوندىن ئارتۇق كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان غايەت زور قۇربان بېرىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىنى قوللىدى. ئۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوغداپلا قالماي، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقىنىمۇ قوغدىدى. كىشىلەر تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، تىنچلىقنى قەدىرلىشى كېرەك، چۈنكى، غەلىبە شۇنچە جاپا بىلەن قولغا كەلدى، قۇربان بېرىشلەر شۇنچە كەسكىن بولدى، ھەققانىيەت شۇنچە مۇستەھكەم بولدى. بىزنىڭ تارىخىي پاجىئەلەرنىڭ تەكرارلىنىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز بولسا، بىزنىڭ تىنچلىقنى قوغداش يولىدا قۇربان بولغان قەھرىمانلىرىمىزنى ۋە قىرغىن قىلىنغان روھلارنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلىشىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئۆتمۈش ئەزەلدىن خاتىرىنىڭ يۈكى ئەمەس، بەلكى ئەقىل-ئىدراكنىڭ ئىلھامى بولۇشى كېرەك. 75 يىل ئىلگىرى ئاق كۆڭۈل كىشىلەر دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي ئوخشاش بىر ئاكوپتا ئاتاكىغا ئاتلانغان. بۇ ئۇرۇشتا، جۇڭگو زېمىنىدا 20 نەچچە دۆلەتنىڭ فاشىزمغا قارشى جەڭچىلىرى ئۇرۇش قىلغان؛ ياپون قاراقچىلىرىغا تاقابىل تۇرۇشتەك مۈشكۈل پەيتتە، جۇڭگو ئارمىيەسىمۇ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيەسى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلدى؛ دۇنيا مىقياسىدا، تېرە رەڭگى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئامما جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشايدىغان پولات ئىستىھكام قۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ