شى جىنپىڭ 2020 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت - سودا يەرمەنكىسى يەر شارىۋى مۇلازىمەت - سودا باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى

2020.09.07 15:27 مەنبە: خەلق تورى

  ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ھەمكارلىق مۇھىتىنى ئورتاق يارىتىشى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەمكارلىق ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئورتاق جانلاندۇرۇشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك، جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ بازار ئىجازىتىنى داۋاملىق قويۇۋېتىپ، مۇلازىمەت - سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەر شارىۋى مۇلازىمەت - سودا ئىتتىپاقى قۇرۇشنى قوللاپ، بېيجىڭنىڭ دۆلەت مۇلازىمەت كەسپىنى كېڭەيتىش، ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، دەپ تەكىتلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 2020 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت - سودا يەرمەنكىسى يەر شارىۋى مۇلازىمەت - سودا باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا، جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىرلىكتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ھازىر، پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا يۇقۇم تېخى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەنمىدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگونىڭ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۇشۇنداق بىر مەيدان مۇھىم، زور خەلقئارا ئىقتىساد - سودا پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشى كۆپچىلىك بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، يەر شارىۋى مۇلازىمەت - سودىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر. بۇنى پۇرسەت بىلىپ، سۇپا ۋە كۆۋرۈك بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مۇلازىمەت - سودا ساھەسىدىكى يېڭى تەرەققىيات، يېڭى بۆسۈشلەرنى تولۇق نامايان قىلىشىنى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىدىكى يېڭى تېخنىكا، يېڭى نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشى بۇ چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى قارشى ئېقىمغا دۇچ كېلىپ، قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىللىك كۈچىيىپ، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ، خەلقئارا سودا ۋە سېلىنما زور ھەجىمدە تارىيىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا مىسلىسىز خىرىس ۋە سىناق ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ بارلىققا كېلىشى، گۈللىنىشى، رەقەملىك تېخنىكىنىڭ كۈچلۈك قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، مۇلازىمەت ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇم پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقالغان مەزگىلدە، يىراقتىن داۋالاش، تور مائارىپى، ھەمبەھرە سۇپا، ھەمكارلىشىپ ئىش بېجىرىش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق مۇلازىمەتلەر كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، مۇلازىمەت كەسپىدىكى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق كۈنسېرى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلانماقتا.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ