مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈرەش روھى، بارلىق جاپا-مۇشەققەت ۋە توسالغۇلارنى يېڭىشكە تەييارلىق قىلدى

2020.09.08 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەيلى «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى» ۋە «ئىستىھكام جېڭى» بولسۇن ياكى «دۇچ كەلگەن جەڭ» ۋە «توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى» بولسۇن، بىز چوقۇم كوممۇنىستلارنىڭ كۈرەش روھىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا تەييار تۇرۇش كېرەك.» دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «پۈتۈن پارتىيە بۇ ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى كېرەك.» دەپ تەلەپ قىلىندى. بىز «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرنى ئوقۇپ چىقىپ، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىشتا، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  «كۈرەش قىلىشقا، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روشەن سىياسىي ئۈستۈنلۈكى، شۇنداقلا بىزنىڭ سىياسىي ئۈستۈنلۈكىمىزدۇر.» پارتىيە قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 70 نەچچە يىل بولغان، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگىنىگە 40 نەچچە يىل بولغان تارىخ بولسا، ھەر خىل بىلگىلى بولىدىغان ۋە بىلگىلى بولمايدىغان خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار بىلەن بوشاشماي كۈرەش قىلغان تارىخنى كۆرسىتىدۇ، كۈرەش داۋامىدا پولاتتەك ئىرادىنى تاۋلاپ، مىللىي روھنى يۈكسەلدۈرۈش مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مۇھىم پەيتتە تۇرماقتا، ۋەزىيەت ۋە مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى تېز، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئېغىر، زىددىيەت، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلار كۆپ بولۇپ، ئۇلار دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىنىقىغا نىسبەتەن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بولماقتا. مەيلى «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى» ۋە «ئىستىھكام جېڭى» بولسۇن، ياكى « دۇچ كەلگەن جەڭ» ۋە «توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى» بولسۇن، ئۇ جەڭلەرنى ئېلىپ بېرىشتا، بىز چوقۇم كوممۇنىستلارنىڭ كۈرەش روھىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك، «سۆڭەك قاتتىق بولۇش، ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىش، جەڭدە غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك.» «نەزەرىيە جەھەتتە سەگەك بولغاندىلا، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم بولغىلى، كۈرەش قىلغاندىلا، ئىشەنچ ۋە كۈچ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۈرەش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ماركسىزملىق پارتىيەدۇر، ئۇ كۈلپەت ئىچىدە تۇغۇلۇپ، كۈلپەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، كۈلپەت ئىچىدە زورىيىدۇ. ئۇ كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ ۋە كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە «قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىدىن قورقمايدىغان، مىڭلىغان تاغ-دەريالار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس» مەردانە بىر پارتىيە ئىدى. قۇرۇلۇش مەزگىلىدە بولسا، «20 يىل ئاز ياشاشقا رازىكى، جېنىنىڭ بارىچە چوڭ نېفىتلىكنى قولغا كەلتۈرۈش» ئىرادىسى بولغان بىر پارتىيە ئىدى، ئىسلاھات مەزگىلىدە «ئەمەلىيەتنىڭ ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش» جاسارىتى بارلىققا كەلدى. مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، بىز سىياسىي سەگەكلىكنى ساقلاپ، كۈچلۈك خەۋپ-خەتەر ئېڭى بىلەن خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ھەر ۋاقىت سەگەك ۋە مۇستەھكەم بولغان سىياسىي مەيدانىنى ساقلاپ، توغرا كۈرەش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، باشتىن-ئاخىر ئىرادىسىنى ساقلاپ، ئۇلۇغ كۈرەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ