مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2020.09.03 16:37 مەنبە: خەلق تورى

  پۇختا پۇل سىياسىتىنىڭ جانلىق ۋە مۇۋاپىق بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركىتىنىڭ ئىجازەت ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى؛ ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر بۇلغىنىش سەۋەبى ۋە تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ خەينەن چاڭجياڭ يادرو ئېلېكتىر 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى ۋە جېجياڭ سەنئاۋ يادرو ئېلېكتىر 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى تەستىقلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قاتار دەل جايىدا ۋە مۇۋاپىق پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. كېيىنكى قەدەمدە مۇقىم ۋە ساغلام پۇل سىياسىتىنىڭ جانلىق ۋە مۇۋاپىق بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت سالمىقى ۋە سىجىلچانلىقىنى ساقلاش كېرەككى، ئۇنىڭدا ھەرگىز سۇنى بېسىپ تولدۇرۇۋېلىپ خالىغان چاغدا ئاندىن يەر سۇغارغاندەك قىلىشقا بولمايدۇ، مەبلەغنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىقتىسادقا يېتەكلەپ، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە پۇل مۇئامىلە بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يىغىندا «پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركەتلىرىنىڭ ئىجازەتلىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللىنىپ، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىدىن باشقا كارخانىلار ۋە تەبىئىي شەخس قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئەمەلىي كونترول قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھەمدە ئەمەلىي كونترول قىلىنىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك كۆلىمى تەلەپكە ئۇيغۇن بولسا، پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركىتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۇل مۇئامىلە پاي كونترول شىركەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە، ھەمدە پۇختا ۋە تەرتىپلىك ھالدا ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ