مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.09.02 10:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كەچتە ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ۋە ھىندونېزىيەنىڭ نوپۇسى كۆپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. ئىككى دۆلەت خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش پىرىنسىپى بويىچە، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇردى. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا تولۇق ئىشىنىدۇ، ھىندونېزىيەنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، ھىندونېزىيەنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ماددىي ئەشيا ۋە تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھىندونېزىيە جۇڭگونىڭ دوستانە قوشنىسى ۋە مۇھىم ھەمراھى، جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەنىڭ ۋاكسىنا ھەمكارلىقى جەھەتتىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرى ۋە ئېھتىياجىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھازىر، جۇڭگو - ھىندونېزىيە ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرماقتا، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلاردا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ۋاكسىنىنىڭ ئىككى دۆلەت ۋە پۈتۈن يەرشارىدا ئومۇملىشىشى ۋە سېتىۋالالايدىغان بولۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ