مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇسابىقىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىشى لازىم

2020.09.07 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان ئوقۇش يىلىدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلەنگەن مەملىكەتلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى: جۇڭگو ياشلار-ئۆسمۈرلەر ماشىنا ئادەم مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مۇسابىقىسى قاتارلىق 35 تۈرلۈك مۇسابىقە بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر، تۈرلۈك مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مەزكۇر تىزىملىكتە بولمىغان مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنى تەشكىللەشكە بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇسابىقىگە ئېھتىياجلىقمۇ؟ ئەلۋەتتە ئېھتىياجلىق. مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى ئوقۇشتىن سىرت چامى يېتىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا «يۈگۈرۈش يولى» تەسىس قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى بىر-بىرىنى قوغلىشىش جەريانىدا ئۈزۈپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. مۇسابىقە ساپا مائارىپىنى قانات يايدۇرۇشتىكى تۇتقا بولالايدۇ، بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ئىختىساسلىقلارنى تاللاشقا پايدىلىق. لېكىن، قاچاندىن باشلانغىنى نامەلۇم، تۈرلۈك ناملاردىكى مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەر بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. بەزىلىرى ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرخىل ناملاردا قالايمىقان ھەق ئالدى؛ بەزىلىرى ئۆرلەپ ئوقۇش، مەكتەپ تاللاش بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا يۈك ئېلىپ كەلدى؛ بەزىلىرى قوماندانلىق تايىقى بولۇپ قېلىپ، ئالدىن ئۆگىنىش، غەلىتە، تەس سوئاللارنىڭ يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىگە كاشىلا قىلدى. بۇ قېتىم مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئاق تىزىملىك شۈبھىسىزكى روشەن رېئال قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ ئادەم تەربىيەلەشتىكى ئەسلىي مەقسىتىگە قايتىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  بۇ تۈزۈمدىن ياخشى پايدىلىنىشتا ھەم ئاشكارا جايدا باشقۇرۇش، ھەم قاراڭغۇ جايدا ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نۆۋەتتە، نۇرغۇن ئاشكارا نومۇر قوشۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بەلگىلىمە بويىچە، مۇسابىقە جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ھۆججەت، گۇۋاھنامە، تەقدىرنامىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئورنىدا «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىنمايدۇ» قاتارلىق سۆزلەرنى ئەسكەرتىش كېرەك. لېكىن، قولىدا گۇۋاھنامە بولسا، شۈبھىسىزكى مەكتەپكە كىرىش، مەكتەپ تاللاشتىكى ئىمكانىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ئەلالىرىنى باھالاش، چەت ئەلگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە «نومۇر قوشۇلۇش»تىن دېرەك بېرىدۇ. قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ئادەم تەربىيەلەش يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەندىلا، ئاندىن يوشۇرۇن نومۇر قوشۇپ بېرىشنىڭ مائارىپ ئادىللىقىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  مۇسابىقە پائالىيىتىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش بىردەملىك ئىش ئەمەس، ئۇنى بوشاشماي دائىم تۇتۇش كېرەك. ئاق تىزىملىك تۈزۈمىدىن ياخشى پايدىلانغاندا، ئاندىن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى توغرا قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى مايسىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ