مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ ئاچقۇچى يۇقىرى سۈپەتتە

2020.09.04 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بولسا، بىر سىستېما قۇرۇلۇشىدۇر، شۇڭا، ھەر قايسى تەربىيەلەش ئورۇنلىرى تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە مەزمۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي مەركەزلەشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  دۇنيا ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىدىن قارىغاندا، ئاسپىرانتلار مائارىپى سەۋىيەسى بىر ئالىي مەكتەپ ۋە بىر دۆلەتنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ. ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى كەڭ ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش ئورۇنلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم ۋەزىپە .

  يېقىندا، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر ئەڭ ئۇزۇن ئوقۇش مۇددىتى ئىچىدە ئوقۇشنى ئۇدا تاماملىماي مۇددەتتىن ئېشىپ كەتكەن ئاسپىرانتلارنى ئارقا-ئارقىدىن تازىلاپ چىقتى، بۇ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇنداق تەدبىر دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپى ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ ئەندىزىسى ۋە ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  كۈچلۈك ئاسپىرانتلار مائارىپى بولمىسا، كۈچلۈك دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بولمايدۇ. ئاسپىرانتلار مائارىپى خەلق مائارىپى سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلار پايدىسىنى قويۇپ بېرىشنىڭ ئاساسلىق يولى، ھەمدە دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلار رىقابىتى ۋە پەن-تېخنىكا رىقابىتىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى، ھەمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يادرولۇق ئامىلى، ھەم شۇنداقلا پەن-تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىكەنلىكى، ئىختىساسلىقلارنىڭ بىرىنچى بايلىق ئىكەنلىكى ۋە ئىجادچانلىقنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەنلىكىنىڭ مۇھىم بىرىكىش نۇقتىسىدۇر. نۆۋەتتە، دۇنيا مىقياسىدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش سۈرئىتى تېزلەشتى، پەن-تېخنىكا ئىسلاھاتى كەسكىنلەشتى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى رولى يەنىمۇ ئېشىپ، مائارىپ بىلەن ئىختىساسلىقلار رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئاسپىرانتلار مائارىپىنى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە جەلپ قىلىشنىڭ مۇھىم يولى قىلدى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق يېڭى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش شەرت. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بولسا، ھەم دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، ھەم شۇنداقلا دەۋرنىڭ ئېھتىياجىدۇر .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ