مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ۋىۋىسكا ئېسىپ سازايى قىلىش» ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بولسىمۇ مۇۋاپىق بولمايدۇ

2020.09.08 17:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، فوشەن شۈندېدىكى بىر ياشانغان ئايالنىڭ تاللا بازىرىدا «ئوغرى ئۈچىنچى قېتىم ئوغرىلىق قىلدى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان سۈرىتى توردا تارقىلىپ، ئاممىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتى ئالدىدا، بۇ تاللا بازىرىنىڭ مەسئۇلى ناھايىتى ئۇۋالچىلىق ھېس قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، تاللا بازىرى تەرەپ بۇ موماينىڭ نەرسە ئوغرىلىغانلىقىنى ئۈچ قېتىم بايقاپ، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىلاشقان ھەم ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ساقچىلار ئاغزاكى تەربىيە بەرگەن بولسىمۇ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى جەرىمانە تۆلەشنى رەت قىلغان، تاللا بازىرى ئامالسىز ۋىۋىسكا ئېسىپ سازايى قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، مۇشۇنداق جازالاش ئارقىلىق باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ موماي ۋە باشقا «ئادەتلەنگەن ئوغرى»لارنى قايتا كېلىشكە پېتىنالمايدىغان قىلىشنى ئۈمىد قىلغان، ۋىۋىسكا ئېسىش بۇ موماي ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن.

  ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تورداشلار تاللا بازىرىنىڭ ئۇسۇلىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇ موماي ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتى بىلەن پۇل تۆلەشنى خالىغان بولسا، تاللا بازىرىنىڭ بۇ چارىسىنى ئەيىبلىگىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى. لېكىن ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بىر خىل مەدەنىيەتسىز قىلمىش ئارقىلىق يەنە بىر خىل مەدەنىيەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەس.

  ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىنماسلىقىنى قوغدايدۇ، پۇقرالارنى ھاقارەتلەشنى مەنئى قىلىدۇ. بۇ، پۇقرالارنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغدىيالايدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە تايىنىدۇ، شۇنداقلا بەلگىلىك مۇستەقىللىققا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بەزىلەر ئىشنىڭ يولىنى بىلمىسە، سۆز-ھەرىكىتى، يۈرۈش- تۇرۇشىدا ئۆزىنىڭ يۈزى بىلەن كارى بولمىسا، باشقىلارنىڭمۇ كېمىنى سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىتتىرىپ، باشقىلارنى ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق جازالىشى، شۈبھىسىزكى ئۆزىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنى بىرلىكتە تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنداقلا قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بىلەن كارى بولمىغانلىق بولىدۇ. ئويلاپ باقايلى، ئەگەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلسا، يەنە قانۇن تۈزۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

  خەۋەردە «ئائىلە تاۋابىئاتلىرى جەرىمانىنى قوبۇل قىلمىدى»، دېيىلگەن، مەمۇرىي جازا قانۇنىدا، ئالاقىدار تەرەپنىڭ سۈرۈك ئۆتسىمۇ مەمۇرىي جازا قارارىنى ئىجرا قىلماسلىقىغا قارىتا مۇناسىپ مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى بەلگىلەنگەن، بۇ خەۋەردە ئېيتىلغىنى بەلكىم ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تاللا بازىرىدىكى «بىرنى ئوغرىلىسا، يۈزنى جازالاش» بەلگىلىمىسىنى رەت قىلغانلىقى بولۇشى مۇمكىن. بىرنى ئوغرىلىغانلارغا يۈزنى جەرىمانە قويۇش ھەقىقەتەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، لېكىن خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئىككى تەرەپنى ماسلاشتۇرۇپ، ئۇ موماي ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تاللا بازىرىغا ئۆز باھاسى بويىچە تۆلىگۈزۈشى ھەمدە مۇۋاپىق تولۇقلىما بەرگۈزۈشى زۆرۈر. ئاممىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىگە بولغان تونۇشىنىڭ شەكىللىنىش- شەكىللەنمەسلىكى، ئاڭلىق ھالدا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەرىكىتىنى چەكلەش-چەكلىيەلمەسلىكى، كۆپ ۋاقىتلاردا قانۇننىڭ رېئال مۇھىتتا تولۇق تەتبىقلىنىش-تەدبىقلىنالماسلىقى كىشىلەرنىڭ قانۇننىڭ ئادىللىق قىممەت قارىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش- ئايدىڭلاشتۇرالماسلىقىغا باغلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ