مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باشتىن-ئاخىر يەر شارىنى ئورتاق ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولايلى

2020.09.04 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسىنىڭ «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»دىن جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ «جۇڭگو بازىرى»غىچە، ھەتتا جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىنىڭ «جۇڭگو مۇلازىمىتى»گە كەلگىچە، جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىشى جاراڭلىق ۋە كۈچلۈك بولدى. بۇ ھەم تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇش دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى، ھەم شۇنداقلا ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە دۇنياغا بەخت يارىتىشتەك كەڭ كۆكسى-قارنىنى نامايەن قىلدى.

  2020- يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى دۇنيا مۇلازىمەت سودا باشلىقلار يىغىنى 4- سېنتەبىر كەچتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرۈنمە چاستوتا شەكلى ئارقىلىق باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم توردا ۋە تور ئاستىدا تەڭ ئۆتكۈزگەن مۇھىم خەلقئارا ئىقتىساد سودا پائالىيىتى بولۇپ، ئۇ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. مۇلازىمەت سودىسى ھازىرقى خەلقئارا سودىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ بىر قىسمى، ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى يوشۇرۇن كۈچتۇر. بۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېغىر چېكىنىشىدەك بىر مۇھىم پەيتىگە دۇچ كەلگەندە، جۇڭگو «پۈتۈن يەر شارى بويىچە مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى ياڭراتتى، ھەمدە دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىشتەك ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغالىقى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

  مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق ۋە يوشۇرۇن كۈچى زور بولىدۇ. بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قول تۇتۇشۇپ «يەر شارى مۇلازىمىتى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»تەك گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ 2019- يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، ھەمدە يەر شارى مۇلازىمەت سودىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %60ى مۇلازىمەت كەسپىدىن كەلگەن بولۇپ، نەتىجىدە ئۇنىڭ دۇنيا ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %20ىنى ئىگىلەيدىغان مۇلازىمەت ئېكسپورتى دۇنيا تاشقى سودا قوشۇلما قىممىتىنىڭ يېرىمىغا يېقىن بولغان تۆھپىنى قوشتى، ھەمدە ئۇنىڭ مۇلازىمەت كەسپى ۋە مۇلازىمەت سودىسى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى. خۇددى دۇنيا سىجىلچان تەرەققىيات سودا-سانائەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى پېتېر باككېر ئېيتقاندەك، 2020- يىلى مۇلازىمەت سودىسى يىغىنىنىڭ مۇھىم پەيتتە ئۆتكۈزۈلۈشى، دۇنيا سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى ۋە دۇنيانى ئۈمىدكە تولدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ