جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلىدى، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېڭى دەۋردە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇلۇغ ئۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.09.04 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك مۇساپىسىدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇلۇغ ئۇرۇش روھىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۇنياغا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى ھالاك بولۇشىدا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دېگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان، ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان مىللىي غۇرۇرنى، زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، ئاخىرغىچە قانلىق جەڭ قىلىدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتىنى، ئېگىلمەس ـ سۇنماس، قەتئىي تەۋرەنمەس غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى نامايان قىلدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇلۇغ ئۇرۇش روھى جۇڭگو خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنى بارلىق جاپا ـ مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەرلەرنى يېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا مەڭگۈ ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈن بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتىمىز. بۇندىن 75 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقى دۇنيا خەلقى بىلەن بىرلىكتە، قەيسەر ئىرادىسى ۋە باتۇرانە كۈرىشى ئارقىلىق فاشىزمنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلىپ، ھەققانىيەتنىڭ رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىشى، يورۇقلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى، ئىلغارلىقنىڭ ئەكسىيەتچىلىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدەك ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. 75 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقى 14 يىل تىز پۈكمەي قانلىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ئەشەددىي ياپون مىلىتارىزم تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنىڭ تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى داۋاملاشتۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ كۆپ قۇربانلىق بەرگەن مىللىي ئازادلىق كۈرىشى، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم تولۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن مىللىي ئازادلىق كۈرىشى. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئېغىر كىرىزىسقا پېتىپ قېلىشتىن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىدىكى تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى، شۇنداقلا دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو خەلقىنىڭ غەلىبىسى، شۇنداقلا دۇنيا خەلقىنىڭ غەلىبىسى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي بېتىگە، ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنىڭ تارىخىي بېتىگە مەڭگۈ ئويۇلىدۇ.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ۋەتەنپەرۋەر ئەربابلار ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى گېنېراللار، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە قوشقان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا مەدەت ۋە ياردەم بەرگەن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، غەلىبە ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان بارلىق قەھرىمانلارغا، تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ