مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵ بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.09.02 10:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كەچتە ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ماراكەش ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى ۋە قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن بىر قېتىملىق كەسكىن سىناق. جۇڭگو بىلەن ماراكەش يۇقۇم ئالدىدا جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولدى، مەن سىز بىلەن كۆپ قېتىم ئۆزئارا خەت ئەۋەتتۇق. جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ماراكەش جۇڭگو تەرەپنى قىممەتلىك قوللاش ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلىدى ھەم ماراكەشتە تۇرۇپ قالغان جۇڭگو پۇقرالىرىغا غەمخورلۇق قىلدى. ئوخشاشلا ماراكەشتە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپ پائال تۈردە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ۋاكسىنا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. مەن كۆپ قېتىم ئېنىق قىلىپ مۇنداق بىلدۈردۈم: جۇڭگونىڭ ۋاكسىنا تەتقىقاتى تاماملانغان ھەم ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنى يەرشارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئالدى بىلەن نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ماراكەش تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ