مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭنىڭ خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەم ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» دىگەن كىتاب نەشىر قىلىندى

2020.09.08 09:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخىي ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەم ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» دېگەن كىتاب مەركىزىي ھۆججەت نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، سەزگۈر ئەتراپ مۇھىتى، مۈشكۈل ۋە ئېغىر بولغان ئىسلاھات-تەرەققىيات، ھەم مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە كۈچ چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتى ھەم جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى. شى جىنپىڭنىڭ خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەم ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىدا نەزەر يېراققا قارىتىلغان بولۇپ، مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولغان. شى جىنپىڭنىڭ خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەم ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش بولسا، بىزنىڭ خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەت ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «ئۈزۈندە» ئالتە مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 404 باياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭغا شى جىنپىڭنىڭ 2012- يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى سۆزلىرى، دوكلاتلىرى، سۆھبەتلىرى، نۇتۇقلىرى، يوليورۇقلىرى، تەستىقلىرى قاتارلىق 180 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەتلەر كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ