خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق پۇلىنىڭ «قىممىتى» يەنە ئۆستى! 9-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 16 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلاش باھاسى 6.8355 يۈەنگە يېتىپ، 2019- يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى سەۋىيەگە يەتتى.
بۇ يىلدىن بۇيان، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى بىردە ئېشىپ، بىردە تۆۋەنلىدى. بۇ يىل 1-ئايدىكى 6.8 يۈەن ئەتىراپىدىن باشلاپ خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى بىر مەھەل تۆۋەنلەپ، 7.16 يۈەنگە چۈشتى. لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئۆرلەشكە باشلىدى. 7- ئايدا خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى قايتىدىن «6 يۈەن» دەۋرىگە قايتىپ كەلدى. 8-ئايدىن بۇيان، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 6.8 ئەتراپىدا ئەسلىگە كەلدى.
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۆزلىمىسى ياخشى بولۇش، ئامېرىكا دوللىرى ئاجىزلىشىش، چەت ئەل مەبلىغى خەلق پۇلى مۈلكىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئامىللار خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
بۇنىڭدىن باشقا، «جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىملىقىغا قارىتا مۇھىم بازار تەسىرىگە ئىگە». خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسى جاۋ چىڭمىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: بازارنىڭ جۇڭگو- ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە بولغان مۆلچەرىنىڭ ياخشىلىنىشى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆرلەش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولۇپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى يەنە داۋاملىق ئۆرلەمدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر: «پېرېۋوت نىسبىتىگە دو تىكمەڭ!» دەپ ئەسكەرتتى.
«خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئېلاستىكىلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، داۋالغۇش زورايدى، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار كۆپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تېخى ئۆزگىرىشچان». سودىگەر چاقىرىش ئاكسىيەسىنىڭ ماكرولۇق باش تەھلىلچىسى شيې ياشۈەن مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆتكەن ئىككى يىلدا مەيلى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بولسۇن ياكى دۇنيا ئىقتىسادى كاساتلىشىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش بولسۇن، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇردى ھەمدە تېز سۈرئەتتە تەڭپۇڭلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ بازارلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، بازارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۆپچىلىك يەنىلا ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن تاشقى پېرېۋوت سېتىۋېلىشى ياكى سېتىپ چىقىرىشى، «بىر تەرەپكە ئېغىش» مەشغۇلاتى قىلماسلىقى لازىم. كارخانىلار بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق تاشقى پېرېۋوت ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ كىرىشتۈرۈپ قىممىتىنى ساقلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋالغۇش خەۋپ-خەتىرىدىن ساقلانسا بولىدۇ؛ شەخسلەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بانكا ئارقىلىق پېرېۋوت ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى