مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇنتىزىم ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپنىڭ قانۇنى لايىھەسىگە ئاشكارا پىكىر ئېلىندى

2020.09.08 16:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 7- چېسلا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ قانۇنى لايىھەسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا بالىلار باغچىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدىكى تەربىيە مەزمۇنىنى ئۆگەتسە بولمايدىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە خىلاپ پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرسا بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسى تۆۋەندىكىدەك توققۇز بابلىق مەزمۇندىن، يەنى ئومۇمىي پىرىنسىپ، ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى بالىلار مائارىپى، بالىلار باغچىسىنىڭ يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇشى، تەربىيەلەپ ئاسىراش ۋە تەربىيەلەش، ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا خادىملار، باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش، سېلىنما ۋە كاپالەت، قانۇن جاۋابكارلىقى، قوشۇمچە پىرىنسىپ قاتارلىق توققۇز بابقا بۆلۈنگەن جەمئىي 75 ماددىلىق مەزمۇندىن تەركىب تاپاقان.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى بالىلار ئەگەر بالىلار باغچىسىغا كىرىش قاتارلىق ئوقۇش يېشىغا توشمىغان مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا تەربىيە ئالسا، ئۇلاردىن ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىمتىھان ياكى سىناق ئېلىشقا بولمايدۇ. بالىلار باغچىلىرى چوقۇم دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان ئويۇنچۇق، ئوقۇتۇش قوراللىرى ۋە بالىلارنىڭ رەسىملىك كىتابلىرىنى سەپلەپ بېرىشى كېرەك، ئۇلار ئۈچۈن كىتاب ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى بالىلارنى سودا خاراكتېرلىك پائالىيەت، مۇسابىقە تۈرىدىكى پائالىيەت ۋە بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە خىلاپ باشقا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچى، تەربىيىچى، سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى ياكى باشقا خادىملارنى تەكلىپ قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. مەنئى قىلىنىدىغان ئەھۋاللار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : مۇناسىب ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ياكى جىنايەت خاتىرىسى بولغانلار؛ بالىلارنى خورلاش، جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلار تۈپەيلىدىن ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى ياكى مەمۇرىي چارە كۆرۈلگەنلەر؛ زەھەر چېكىش، ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ياكى ناچار قىلمىش خاتىرىسى بولغانلار؛ روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياكى روھىي كېسەل تارىخى بولغانلار؛ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلار؛ بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغانلار ھەمدە مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدىغان باشقا ئەھۋاللىرى بولغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا يەنە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بالىلار باغچىسىنى پۇقراۋى بالىلار باغچىسىغا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بالىلار باغچىسى پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى پۇقراۋى بالىلار باغچىسى ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشقا ۋە قۇرۇشقا قاتنىشىشقا يول قويۇلمايدۇ. بالىلار باغچىلىرى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا كارخانا مۈلكىنى بازارغا سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ