مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو 54 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

2020.09.08 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 5- چېسلا 2020- يىللىق خەلقئارا مائارىپ مۇلازىمەت سودا مۇنبىرىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق ۋە كەڭ ساھەلىك مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مائارىپ ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقاردى. نۆۋەتتە، جۇڭگو 188 دۆلەت ۋە رايون، ھەم 46 مۇھىم خەلقئارا تەشكىلات بىلەن مائارىپ ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ئورناتتى، 54 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جىن بۇ قېتىمقى مۇنبەردە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھازىر چەتئەللىك ئوقۇغۇچى مەنبەسى جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلار تەخمىنەن 1 مىليون 600 مىڭ كىشىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، ھازىر چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى تەخمىنەن 1 مىليون 400 مىڭغا يېتىدۇ. جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇش جەھەتتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى «يىپەك يولى» ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تۈرىنى تەسىس قىلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ياردەم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «جۇڭگودا ئوقۇش» ماركىسىنى ياراتتى؛ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئېشىپ، 2019- يىلى %54.6كە يەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو يەنە جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتتى. نۆۋەتتە، باشقۇرۇلىۋاتقان ھەر دەرىجىلىك ھەر تۈردىكى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە تۈرلىرى 2282گە يەتتى.

  ليۇ جىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيا ۋەزىيىتىنى قايتىتىدىن شەكىللەندۈردى. بۇ يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مائارىپ ساھەسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشنى، ھەمدە ئۆرنەك ئېلىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ياش ئىختىساسلىقلىرىنى جۇڭگوغا كېلىپ خەلقئارا جامائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈگىنىش ۋە كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ.

  2020- يىللىق خەلقئارا مائارىپ مۇلازىمەت سودا مۇنبىرى بولسا، 2020- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسىنىڭ مەخسۇس مۇنبىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلاردىن 10 نەچچىسى بۇ مەخسۇس مۇنبەردە يەرشارىلىشىش ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى خەلقئارا مائارىپ مۇلازىمەت-سودا تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدىكى مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ