مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىمتىھان جۇڭگو ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى

2020.09.08 09:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇلدى، ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارنى يەككە سان ئىچىدە ئىككى ئاي ئەتراپىدا كونترول قىلىپ، ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ۋۇخەننى قوغداش جېڭى ۋە خۇبېينى قوغداش جېڭىنىڭ ھەل قىلغۇچ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ھەم توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرىش جەريانىدا نامايان قىلغان جۇڭگو ئۈنۈمىگە دۇنيادىكى كىشىلەر ئاپىرىن ئوقۇدى. ئالدىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ھەمدە تېز سۈرئەتتە تارقىلىدىغان، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ئالدىدا، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمىگەندىلا، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى، تېخىمۇ كۆپ ھاياتلىقنى قۇتقۇزغىلى بولىدۇ. خەلقئارا زاتلار مۇنداق باھا بەردى: جۇڭگونىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى تېز، كۆلىمى چوڭ، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ، جۇڭگو سۈرئىتى، جۇڭگو كۆلىمى، جۇڭگو ئۈنۈمىنى نامايان قىلىدۇ.

  يۇقۇم ئەھۋالى تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ، ئەلپازى يامانلىشىپ كەتتى. نوپۇس چوڭ يۆتكىلىدىغان ۋە توپلىشىدىغان چاغان مەزگىلىدە، يۇقۇم مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جىددىي ھەرىكەتكە كەلدى، ھىمدە ھەرىكەت جىددىي ھەم تەرتىپلىك بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچى يىغىلىپ، ھەممەيلەن يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلاندى. بىزدەك زېمىنى كەڭ، نوپۇسى كۆپ چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك كۈچى، تەشكىللەش كۈچى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنىڭ بولۇشىنى باشقا دۆلەتلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى تۈپ سەۋەبتۇر.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، رايونلارغا ئايرىش، دەرىجىگە ئايرىش، دەل جايىدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھەر بىر تەدبىر، ھەر بىر قەدەمدىكى تەدبىرنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى خەلق ئۈچۈندۇر. پەقەت خەلق بىلەن قەلبداش بولغان ۋە خەلق بىلەن ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇشۇنداق يۇقىرى ئۈنۈملۈك جاۋابىنى تاپشۇرالايدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكى، جۇڭگو تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى ۋە خەلق ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان قىممەت ئىدىيەسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش بار بولغاندىلا، ئاندىن پۈتكۈل جەمئىيەت بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئۈنۈمىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. جۇڭگو ئۈنۈمىگە تىرەك بولىدىغان مەخپىي نومۇرنى چوڭقۇر يەكۈنلەشكە ۋە ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا مېڭىشىمىزنى ئىلھام ۋە كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ