مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە «تەنتەربىيە بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش»كە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ

2020.09.08 16:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەنتەربىيە بىلەن مائارىپ ئوتتۇرىسىدا يول ياسىلىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىشتە، يەنە مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەت بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، ئەمەلىي تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ.

  يېقىندا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاش پەسلىنى كۈتۈۋالدى. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە تەنتەربىيە دەرسىنى قانداق ئۆتۈش نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ «ياش-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە مائارىپىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قاتتىق تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەكلىپ»ىگە جاۋاب بېرىپ، چېنىقىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش، پائالىيەت شەكلىنى بېيىتىش، كاپالەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە، ياش-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە دەرسلىرى تەربىيە خىزمىتى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. بۇ تەكلىپ ۋە جاۋاب ئارقىلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى، ياش-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە دەرسلىرى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش بولسا، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.

  «ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك» قاتارلىق بەش جەھەت ئىچىدىكى تەنتەربىيە بولسا، مائارىپ سىستېمىسىدا ئەزەلدىن كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھالقا ھېسابلىنىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ تەنتەربىيە مائارىپ ئىشلىرىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2007- يىلى مەملىكەت بويىچە مىليونلىغان ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار قۇياش نۇرى تەنھەرىكىتىنى باشلىدى، شۇ چاغدا «ھەر كۈنى بىر سائەت چېنىقسا، 50 يىل ساغلام ئىشلەيدۇ، بىر ئۆمۈر بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.» دېگەن گەپ كەڭ تارقالدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا غەمخورلۇق قىلىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىپ، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت بىرلىكتە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىچىك دەرەخكە ئوخشاش ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلىنىشىنى تاپىلىدى.

  تەنتەربىيەنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى قىممىتى بولسا، بالىلارغا قانداق قىلغاندا قائىدىنىڭ چەكلىمىسى ئاستىدا يېڭىشنى ئۆگىتىش، شۇنداقلا قانداق قىلغاندا توغرا ھالدا ئۆز لايىقىدا ئۇتتۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش، تېخىمۇ مۇھىمى ماھارەت ئىگىلەش، ئادەت يېتىلدۈرۈش، ئاڭنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆمۈرلۈك تەنتەربىيە تەربىيەسىنى ئىگىلەش ئارقىلىق، بەدەن ساپاسى، ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىرادىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۇرمۇشقا بولغان چۈشىنىش ۋە ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. تەنتەربىيە بىلەن مائارىپ ئوتتۇرىسىدا يول ياساپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەت بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە، ھەم قاتتىق دېتالنىڭ «ئۇل تېشى»نى مۇستەھكەملەپ، يەنە بىلىشتىكى ئويمانلىقنى تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بالىلارنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىشى ۋە تەنتەربىيە بويىچە ئۆمۈرلۈك تەربىيە ئېلىشى بولسا، ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىقتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ