مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتايلى

2020.09.09 14:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، جايلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىسى شەخسلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە بېرىش-كېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى بىلىم ۋە ئۇچۇر ئېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش نەتىجىسىدە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنىڭ قولايلىق دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ روھى، مەدەنىيەتنى تونۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى. مەدەنىيەت تونۇشى تىل تونۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشى، ئىگىلىشى ۋە قوللىنىشى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتىدۇر.

  جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشى ئۆزئارا بولىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىپ ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىشىدۇ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدۇ، ھەمدە ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى تونۇش، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ قەلب ئاچقۇچى. ئاساسىي قانۇندا «دۆلەت مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئومۇمىي ئەدەبىي تىلنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن، ھەمدە ئۇنىڭدىكى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى دائىرىسىدە «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى بولسا، ئومۇمىي ئەدەبىي تىل ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىدۇر.» دەپ بەلگىلىگەن. ئۇ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، ئۇ ھەم شۇنداقلا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ بەخت كاپالىتى بولۇپ قالدى.

  ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش يولغا قويۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىش دەرىجىسى كۈنسېرى كېڭەيدى ۋە چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى، يېزا-قىشلاقلاردىن شەھەر-بازارلار ۋە شەھەرلەرگىچە، غەربىي قىسىمدىن ئىچكى ئۆلكە ۋە شەرقىي قىسىملارغىچە، خەنزۇلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئۈزلۈكسىز يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كەڭ ئالاقە، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش ۋە چوڭقۇر ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئېھتىياجىغا ئايلاندى، ئۇ ھەم شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، پۈتۈن جەمئىيەت يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى تېخىمۇ كەڭ ۋە تولۇق قوللىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات ۋە بەختلىك قىلىش كېرەك

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ