مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ تۈرىدىكى ئاسپىرانتلار ۋە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئىمتىھانسىز بېكىتىش دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2020.09.09 18:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-سېنتەبىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىجازەت بېرىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلغار ئىختىساسلىقلارنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «مائارىپ تۈرىدىكى ئاسپىرانتلار ۋە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئىمتىھانسىز بېكىتىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تارقىتىپ، ئىمتىھانسىز بېكىتىش دائىرىسى، پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى باھالاش تۈزۈمى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان.

  يولغا قويۇش لايىھەسىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مائارىپ تۈرىدىكى ئاسپىرانتلار، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەر 2021-يىلىدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز بېكىتىش ئىسلاھاتىغا قاتناشسا بولىدۇ. ئىمتىھانسىز بېكىتىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان ئالىي مەكتەپلەر تەربىيەلەش نىشانىغا ئاساسەن، ئۆز مەكتىپىنىڭ مائارىپ تۈرىدىكى ئاسپىرانتلار، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك، سىناقتا لاياقەتلىك بولغان 2021-قارارلىق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى سىناش نەتىجىسىگە ئاساسەن، دۆلەتلىك ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانىنىڭ قىسمەن ياكى بارلىق پەنلەر ئىمتىھانىدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  لايىھەدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىمتىھانسىز بېكىتىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان ئالىي مەكتەپلەر پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئىقتىدار ئۆلچىمىگە ئاساسەن، پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، باھالاش تۈزۈمى تەربىيەلەش جەريانىنى باھالاش ۋە پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىمتىھانسىز بېكىتىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان ئالىي مەكتەپلەر ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان مائارىپ تۈرىدىكى ئاسپىرانتلار ۋە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا، مەكتەپ مۇدىرى «پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئىقتىدار گۇۋاھنامىسى»گە ئىمزا قويۇشى ھەمدە مەكتەپ تامغىسى بېسىلىشى كېرەك. «پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئىقتىدار گۇۋاھنامىسى»نىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ، مەزمۇنى ئىدىيە-ئەخلاق ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ئەھۋالى، ئوقۇتۇش بۆلىكى ۋە ئوقۇتقان پەن تۈرى، كۈچكە ئىگە مۇددىتىنىڭ باشلىنىش- ئاخىرلىشىش ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شەكلىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش تۈزىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ